تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى ئولتۇراق رايون كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىن 554نى يېڭىدىن كۆپەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۈەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ئارقا-ئارقىدىن ئولتۇراق رايون كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىن 554نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، تەۋەلىكىدىكى 882 ئولتۇراق رايوننى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تولۇق تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 11:00دە، سايباغ رايونى فۇخەي يولى 2085-نومۇرلۇق قورۇدا، ۋاقىتلىق قۇرۇلغان كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسى ئالدىدا ياڭيۈ، سەۋزە، خاڭگا، بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلار نەچچە سېۋەتكە لىق قاچىلىنىپ تىزىلدى، خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىدائىيلار ئاھالىلەرگە كېرەكلىك بولغان كۆكتاتلارنى خالتىلارغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  «بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 05:30دە كۆكتات توپ سېتىش بازىرىغا بېرىپ كۆكتات كىرگۈزىمىز، سائەت دەل 09:00 بولغاندا ئولتۇراق رايون كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدا سېتىلىدۇ، تەخمىنەن چۈش سائەت 02:00 بولغاندا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاھالىلەرنىڭ ھەر كۈنى يېڭى كۆكتاتلارنى يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» بۇ كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىم دۈەن جۈنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپ، ئومۇمىي تەمىنلەش مىقدارى كۈنىگە بىر توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، باھا جەھەتتىمۇ ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھانى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق.

  سايباغ رايونى گېلىن ۋېيجى شەھەرچىسى A رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە لى ۋېنجۈەن تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئاستىدىمۇ كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەندىلا ئۇ كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىم يەتكۈزگەن خاڭگا، دوۋيا، خۇاسەي ۋە پىيازلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇ كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىگە 8.2 يۈەن خەجلىگەن ئىدى.

      «مەن سېتىۋالماقچى بولغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ جايدا بار ئىكەن، كۆكتاتلار يېڭى، باھاسىمۇ ئەرزان ئىكەن.» دېدى لى ۋېنجۈەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر سايباغ رايونىدا كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىن جەمئىي 76سى، جەمئىيەت كۆكتات دۇكىنىدىن 398ى، قولايلىق دۇكاندىن 544ى، جەمئىيەت كالا، قوي گۆشى دۇكىنىدىن 61ى بار بولۇپ، بۇنىڭغا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىن 554نى قوشقاندا، سايباغ رايونىدىكى 882 ئولتۇراق رايوننى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش تولۇق قاپلىغان.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى شياۋ لىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئولتۇراق رايون كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسى 60 خىل باھا چېكى بېكىتىلگەن كۆكتاتنىڭ باھاسىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان، ئەگەر مال باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلار بايقالسا، قاتتىق زەربە بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى