تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە «تۇراقلاشتۇرغۇچ» مۇقىم، كۈچلۈك بولدى

ئاساسنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە «تۇراقلاشتۇرغۇچ» مۇقىم، كۈچلۈك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 95 مىليارد 294 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى؛ پۇقرالارنىڭ «كۆك - تاق» «ئاشلىق»ى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، يېزا ئىگىلىكىدە «تۇراقلاشتۇرغۇچ» مۇقىم، كۈچلۈك بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، غەيرەت - شىجائەت قوشتى.

تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

«مەن 230 نەچچە مو يەرگە بۇغداي تېرىدىم، بۇ يىل ھاۋا سەل قۇرغاق بولدى، ھېلىمۇ ياخشى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئون نەچچە كۈن بۇرۇن ھوسۇل ئېلىپ، ياخشى ھوسۇلنى ساقلاپ قالدۇق!» شىخو شەھىرى جىرگىلتى گولىن موڭغۇل يېزىسى خوتخور كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭجياڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تېخنىكلارنى ئېتىز بېشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، يازلىق يىغىم خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

بەزى جايلاردا يۈزبەرگەن قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قاتارلىق بىنەم دېھقانچىلىقى ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇغداي، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىق زىرائەتلەرگە قارىتا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر كونكرېت تېخنىكا تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى سۇچىلىق، ھاۋا رايى تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قۇرغاقچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىسىز تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئاشلىق ھوسۇلىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ مۇھىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتى بىلەن ئېھتىياجىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ خام ماتېرىيال تەمىناتى، قاتناش - تىرانسپورت، خادىملار ئىش ئورنىغا قايتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى «يېشىل يول»ىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قەرەلىدە قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىم ھالەت ساقلىنىپ، بۇغداي ھوسۇلى 5 مىليون 765 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، %0.1 ئاشتى، كۆممىقوناقنىڭ مۇددىئالىق تېرىش كۆلىمىنى %7.6 ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، «شىنجاڭ ئىچىدە تەڭپۇڭلىشىش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تەك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش

«بۇ يىل مەن شىندۇڭ 60 - نومۇرلۇق بۇغداي سورتىنى تېرىدىم، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشتى، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى كونا سورتقا قارىغاندا 87 كىلوگىرام ئېشىپ، مو بېشى كىرىمىم 200 نەچچە يۈەن ئۆستى.» يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسى يۇقارقى يايلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرۇسۇل ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى ياخشى، ئۇرۇقچىلىق كەسپى كارخانىلىرى يەنە ئومۇمىي مۇساپىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇغداي تېرىپ كىرىمىم ئاشتى، ئىشەنچىممۇ يىلدىن - يىلغا كۈچىيىۋاتىدۇ.

ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردە بۇغداي يېڭى سورتىنى كېڭەيتىپ ئۈلگە كۆرسىتىش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كېڭەيتىپ ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمىنى جەمئىي 10 مىڭ مودىن ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە قارىتىلغان يېتەكچىلىك ۋە پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تۈجۈپىلەشكەن تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ھوسۇلىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، شىمالىي شىنجاڭدا ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئورگانىك، مول سېلىنلىق قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي سورتلىرىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا مەۋقەنى ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي يېڭى سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا مىقدارنى ئاشۇرۇشنىڭ مىقدار، سۈپەتنى تەڭ ئاشۇرۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتتى؛ كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ئەۋزەل رايونلارغا مەركەزلىشىش يۈزلىنىشى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى مۇۋاپىق سەۋىيەنى ساقلاپ، تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئازراق تۆۋەنلىدى.

كېڭەيتىپ ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە ئىلمىي تېرىقچىلىق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قوغۇن - تاۋۇز ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئېشىپ، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تۈرىدىكى تېرىقچىلىق كۆلىمى 1 مىليون 4400 موغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %28.4 ئاشتى، ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.7 ئاشتى.

سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»تەك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت فاڭجېنىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشنى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ سىجىل كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ «دىرىژورلۇق تايىقى»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مو كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ يېرىنىڭ قۇۋۋىتىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى 180 يۈەندىن 220 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، بۇغداي تېرىقچىلىقىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنى ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش، ئەلا سورتلۇق كۈزگى بۇغداي تېرىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرى چارۋىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى قوزغىتىپ يولغا قويۇلدى. زامانىۋى ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپى سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى پائال بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى؛ رايون ئىچىدىكى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مەۋقە يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئېھتىياجىغا قويۇلۇپ، سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، مىقدار ئاشۇرۇلۇپ، خاس چارۋىچىلىق زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى.

شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت - سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار بىلەن چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىيات ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ھەرقايسى جايلاردا چارۋىچىلىق كەسپى سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئىشلىتىپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

يازلىق ئاشلىق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئېلىش بىلەن بىللە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆكتات ھەم يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2 مىليون 806 مىڭ 300 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.6 ئاشتى؛ ھوسۇلى 2 مىليون 521 مىڭ 900 توننا بولۇپ، %11.4 ئېشىپ، كۆك - تاق تەمىنات كاپالىتى كۈچلۈك بولدى. چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتان - كاتەكتە بېقىلىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.9 ئاشتى، چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 771 مىڭ 200 توننا بولۇپ، %0.1 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆي قۇشلىرى گۆشى مەھسۇلات مىقدارى %7.2 ئېشىپ، بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى