تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغدايلى ۋە قوزغىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بازار سۇبيېكتى ئىقتىسادنىڭ كۈچ ۋاسىتىسى. بازار سۇبيېكتىنى ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتقاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ.

يېقىندا ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى ھەم بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغداش ۋە قوزغىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، بۇ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بازار سۇبيېكتى جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى، جەمئىيەت بايلىقىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مەنبەسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ «تۈۋرۈكى»، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى «موتور». ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي ئورناتتى ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، بازار سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى جۇش ئۇرۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى بازار سۇبيېكتى 123 مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا 38 مىليون 580 مىڭغا، يەككە سودا - سانائەتچى 82 مىليون 610 مىڭغا يەتتى. بۇ بازار سۇبيېكتلىرى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلىرى، تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكۈچىلىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك ماددىي تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

شۇنى كۆرۈش كېرەككى، تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور زەربە پەيدا قىلدى، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرى مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كەلدى. خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بازار سۇبيېكتىنى قوغدايدىغان، قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىشكىچە، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش ۋە تەشكىللەپ تۈرتكە بولۇشتىن، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش - يۆلەشكىچە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈلۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، كەڭ بازار سۇبيېكتلىرىنى نورمال مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان، شۇنداقلا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.

بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوغداش ۋە قوزغىتىشتا، جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك مالىيە سىياسىتى، تېخىمۇ پۇختا - جانلىق پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى بىۋاسىتە ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار سۇبيېكتىغا بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بازارلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتا، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى، پۇقراۋى، چەت ئەل مەبلىغىدىكى قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، بازار ئىجازىتىدە پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، چەت ئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇپ بېرىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشتا، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىچىلارنىڭ قەتئىي ئىرادە تىكلەپ مۇقىم ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو بازىرىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كارخانىلار بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ئالاقە قىلىشى، كارخانىچىلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلىشى، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە، كارخانىچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھوقۇق - پۇل سودىسى، سودا پارىخورلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشتە، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققى، باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىش - يۆلەش بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

جۇڭگو ئىقتىسادى بىر بىپايان دېڭىز، بىپايان دېڭىزنىڭ چوڭ بولۇشى ئېلاستىكلىقىنىڭ كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچىنىڭ يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدا. يۈز مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلسا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولىدۇ. تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتىنى ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بەرسەك، بىز چوقۇم پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى