تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لۈ جيەنجياڭ: ئاددىيلىق ئىچىدە قالتىسلىقنى ياراتتى

لۈ جيەنجياڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىجياجۇاڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ياڭ فەن) لۈ جيەنجياڭ بىر ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى، ئۇ نۇرغۇن يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك چوڭ ئىشلارنى قىلمىدى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاددىي كىچىك ئىشلار. لېكىن ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتۈپ، ئاددىيلىق ئىچىدە قالتىسلىقنى ياراتتى.

لۈ جيەنجياڭ 1989 - يىلى ئارمىيەگە قاتناشقان، 2004 - يىلى قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا كەلگەن، ساقچى بولغان 13 يىلدا ئىزچىل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان، ھايات ۋاقتىدا شىجياجۇاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چياۋشى شۆبە ئىدارىسى ئەن جيەنچياۋ ساقچى پونكىتىنىڭ مۇدىرى ئىدى. 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۇ ھەددىدىن زىيادە چارچاش، ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ يىلى ئەمدىلا 47 ياشتا ئىدى.

لۈ جيەنجياڭنىڭ كۆڭلىدە «تەۋەلىك چەكلىمىسى» يوق ئىدى، «ئىشتىن چۈشۈش ئۇقۇمى»مۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. نۆۋەتچىلىك قىلغاندا، ئۇ كۆپچىلىكنى باشلاپ «تۆت گۇرۇپپا ئۈچ ئىسمېنا بويىچە نۆۋەتلىشىپ ئىشلەپ» ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرغان. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە توردا «ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت ھالىتى»نى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت مەسلىھەت سوراش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلغان. ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن ئاۋۋالقى يېرىم كېچىدە، ئۇ يەنە خىزمەت توپىدا چارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىغان.

لۈ جيەنجياڭ ئادەتتە پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنەتتى. ياشانغانلارنىڭ ئېزىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ ئېزىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «سېرىق بىلەزۈك» ياسىغان؛ ئاپتوموبىل توختىتىش، ئاپتوموبىل يۆتكەش ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل يۆتكەش كارتىسى»نى ئىجاد قىلغان ھەم ئۈچ ئەۋلاد يېڭىلىغان.

ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان لۈ جيەنجياڭ خېبېي بويىچە نۇرغۇن بىرىنچىلىكنى ياراتقان. ئۇ تۇنجى تور مەھەللە ساقچى ئىشخانىسى بەرپا قىلغان، تەجرىبىسى پۈتۈن ئۆلكىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ يىتكەن نەرسىلەرنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تورىنى قۇرغان، ھەممىدىن بۇرۇن ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ۋېيبو ئاچقان ھەم تەدرىجىي تۈردە خېبېينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى توردا ئەڭ تەسىر كۈچى بار خەلق ساقچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

توردا، لۈ جيەنجياڭ ئوتتۇرىغا چىقىشتا دادىل، ئوتتۇرىغا چىقىشقا ماھىر بولۇپ، 17 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ۋېيبو ماقالىسىدە، ئۇ بەزىدە ساقچىلارنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى سۆزلىسە، تېخىمۇ كۆپ چاغلاردا كۆپچىلىككە زىيانكەشلىكتىن قانداق مۇداپىئەلىنىشنى ئۆگىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقاتقان.

لۈ جيەنجياڭ ھايات ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن: «ئامما قەيەردە بولسا، مۇلازىمەت شۇ يەردە بولۇشى كېرەك، چەكسىز تور مېنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان <بىلىكىم>نى ئۇزارتالايدۇ.» ئامما ئۈچۈن ئىش بېجىرگەندە، ئۇنىڭ پۇتى ئارام ئالمايتتى، ئاغزىمۇ ئارام ئالمايتتى، يول ماڭغاندا يۈگۈرۈپ دېگەندەك ماڭاتتى، چىن كۆڭلى بىلەن خىزمەتنى ئاممىنىڭ قەلبى سۆيۈنگۈدەك ئىشلەيتتى.

خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا «ئىشتىن چۈشمەيدىغان» لۈ جيەنجياڭ ئىزچىل ئاددىي - ساددا تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە تۇراتتى، ئۆي جازىلىرى ئاددىي، كونا ئىدى. خوتۇنى سۈي لىپىڭ مېھمانخانىغا ئېرىنىڭ سۈرىتىنى قويماقچى بولغاندا، بىر مۇۋاپىق ئورۇن تاپالماي، توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىگە تىزىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئىلگىرى «ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ» تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە دىڭ جۇڭگۇاڭغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خىزمەت تېپىپ بەرگەن، ئەمما ئۆيدە ئۈچ يىل ئىش كۈتۈپ تۇرغان خوتۇنى سۈي لىپىڭنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغان. لۈ جيەنجياڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى ئاندىن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

لۈ جيەنجياڭ بىلەن ۋىدالىشىدىغان كۈنى، بىر قىز كېچىلەپ تەييۈەندىن يېتىپ كەلدى − ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغاندا، لۈ جيەنجياڭ ئۇنىڭغا بىر كېچە نەسىھەت قىلىپ، ئۇنى ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدىن ياندۇرغانىدى. شۇ كۈنى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، دەپنىخانىغا كېلىپ لۈ جيەنجياڭ بىلەن ۋىدالاشقان، نەچچە ئونمىڭلىغان تورداش توردا يازما قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن، 1000دىن كۆپرەك شەھەر ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن ئۇ خىزمەت قىلغان ساقچى پونكىتىغا بېرىپ گۈل تەقدىم قىلىپ تەزىيە بىلدۈرگەن...

لۈ جيەنجياڭ كەتتى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان ساقچى پونكىتىنىڭ نامى «لۈ جيەنجياڭ ساقچى پونكىتى» دەپ ئۆزگەرتىلدى، بۇ، خېبېيدىكى تۇنجى شەخسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ساقچى پونكىتى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ساقچى پونكىتى بىر ئابىدىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى