تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئەجىر يوققا چىقىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، دۇ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: «يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىكى يېپىق ھالەتتىكى باشقۇرۇش، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ يۈزبېرىشىنى توسۇپ، يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى دوستلار بىزنى زور دەرىجىدە چۈشەندى، قوللىدى ۋە ماسلاشتى. مەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!»

  نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىۋاتقان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلدى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەجرىبىلەر ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار يوشۇرۇن مەزگىلدىن كېيىن، يەنە خېلى بىر قىسمى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاش نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن ھالىقىلىق بىر تۈرلۈك خىزمەت. گوۋۇيۈەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ باھا بېرىدۇ. ئەگەر، بۇ ۋاقىتتا ئىلگىرىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئاسانلا تەڭشەلسە، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجە-ئۈنۈمى يوققا چىقىشى مۇمكىن.

  شەھەر ئاھالىلىرى دوستلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە داۋاملىق ماسلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەتئىي ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى