تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

خوشۇت: كۆچەتلىكتە تېخنىكا ئۆگىنىش

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ۋېي شيا): 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ نەرىنكىر يېزىسى ئۇلزېت كەنتىدىكى كۆچەتلىكتە، ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، مىيىپلەر بىرلەشمىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇلزېت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىگە توغراق، كۆك تېرەك قاتارلىق كۆچەتلەرنىڭ شاخلىرىنى چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، نەق مەيداندا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  ئۇلزېت كەنتىدىكى نامرات ئاھالە نىمۇجاپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنت كوللېكتىپىنىڭ يېرىگە تىكىلگەن كۆچەتلەر ياخشى ئۆستى، بازار باھاسىمۇ يامان ئەمەس بولدى، خىزمەت ئەترىتى تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ بىزنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىدى، بىزگە قولمۇقول تېخنىكا ئۆگەتتى، كېلەر يىلى مەنمۇ ئۆز يېرىمگە كۆچەت تىكىمەن.»

  ئۇلزېت كەنتى بۇ يىل شۇ جاينىڭ تۇپراق سۈپىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ 38 مو يېرىگە شورغا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق توغراق، كۆك تېرەك، چوڭ مېۋىلىك جىگدە قاتارلىق 211 مىڭ تۈپ كۆچەتنى سىناق قىلىپ تىكىشنى قارار قىلدى ھەمدە تېخنىكلارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر كۆچەتلەر ياخشى ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەر مو كۆچەتنىڭ ساپ كىرىمى تەخمىنەن 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى