تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كۈيتۈن شەھىرى: كوچا سەيلىگاھى قۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلدى

 

    تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فاڭ يىدۇڭ، ۋاڭ چيەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈيتۈن شەھىرى غەربىي رايونىدىكى ئاممىۋى باغچىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ سەيلە قىلغاچ سالقىنداۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باغۋارانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەرنى باغۋارانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، شەھەر سۈپىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ياخشى ئىستىراھەت سورۇنى ھازىرلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېڭىچە شەھەر بەرپا قىلدى.

  نۆۋەتتە، كۈيتۈن شەھىرىدە جەمئىي 79 جايدا باغچە يېشىللىق يېرى بار بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ شەھەر بەرپا قىلىنغان جايدىكى يېشىللىق نىسبىتى %35.56كە، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43كە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى يېشىللىق كۆلىمى 12.27كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. بۇ يىل پۈتۈن شەھەردە يېڭىدىن 12 سەيلە باغچىسى كۆپەيتىلىدىكەن، نۆۋەتتە 10 سەيلە باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى تاماملانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى