مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىگە چىقتى. دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە سېتىۋېلىنغان يازلىق ئاشلىق جەمئىي 34 مىليون 329 مىڭ توننا بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى سېتىۋېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەربىر دان ئاشلىقنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئەڭ يېڭى نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئايغا يېقىن ئۆرلەشتىن كېيىن، 7-ئايدىن بۇيان يېڭى بۇغداي سېتىۋېلىش-سېتىش ئەقىلگە مۇۋاپىق، باھا مۇقىم بولۇشقا يۈزلەنگەن. ھازىرغا قەدەر، ئالتە چوڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايوندىكى تۈرلۈك ئاشلىق كارخانىلىرى 34 مىليون 329 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋالغان. خۇبېي، ئەنخۇي، جياڭسۇ، خېنەندىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە بۇغداينى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىدا سېتىۋېلىشنى يولغا قويغان، شەندۇڭ، خېبېي بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىختىيارىي يولغا قويىدىكەن.