شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئۈشقاراسۇ بازىرى ئېمىل دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك قىياپىتى بىلەن كىشىنى چەكسىز مەپتۇن قىلىدۇ. ئەگرى-بۈگرى ئاسما يولنى بويلاپ، فېڭيۈ كارىدور كۆۋرۈكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا بېرىپ، پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا چىقىپ، يىراقتىن كۆك ئاسمانغا، ئوتلاقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چېچىلىپ يۈرگەن ئات-كالىلارغا نەزەر سالسىڭىز، ھەممە يەر ئىناق، گۈزەل كۆرۈنىدۇ. يايلاقتىكى سۇلۇق يەرنىڭ سىرلىق ھەم سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى، ئېمىل دەرياسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
بىپايان سۇلۇق يەر ئوتلىقى ۋە كۆك ئاسمان گۈزەل مەنزىرىنى ئورتاق نامايان قىلدى.
ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا راھەتلىنىپ ياتقان موزاي.
سۇ ئىچىپ ئەركىن ئوتلاپ يۈرگەن ئاتلار.
زېمىننى نەمدىگەن سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى.
مۇھاپىزەتچىگە ئوخشاش بۇ يايلاقنى قوغداۋاتقان مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى.
ئىناق بىللە ياشايدىغان ئېكولوگىيەلىك ماكان.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى