شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ ئۆتكۈزۈلگەن CBA مۇسابىقىسىنىڭ دائىمىي مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئىلى ئالاھىدە ھارىقى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 87گە قارشى 103 نەتىجە بىلەن گۇاڭجوۋ لۇڭشى كوماندىسىنى يەڭدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايلانما مۇسابىقە بۇرۇن دائىمىي مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچىلىكنى ئالدىن مۇقىملاشتۇردى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دائىمىي مۇسابىقە 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تيەنجىن كوماندىسى ۋە جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان شاللاش مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى باشلىنىدۇ.