تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم مەزگىلىدە داۋالاش ئاپپاراتلىرى نورمال دىياگنوز قويۇپ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى گۈەن ئەيجۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى لى چۇڭرۈي يۇقۇم مەزگىلىدە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇپ، نورمال داۋالاش مۇلازىمىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  گۈەن ئەيجۈن مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك  خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوختۇرخانا بويىچە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، 3500دىن ئارتۇق دوختۇر-سېسترا، تېخنىك خادىم ۋە مەمۇرىي ئارقا سەپ خادىمىنى ئىش ئورنىدا تۇرۇشقا تەشكىللەپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، دوختۇرخانىنىڭ تۈرلۈك داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «نۆۋەتتە ئامبۇلاتورىيەدە جەمئىي 36 بۆلۈم، 140تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس كېسەل كۆرۈۋاتىدۇ. دىياگنوز قويۇش، ياتاققا ئېلىش، ئوپېراتسىيە قىلىش قاتارلىق داۋالاش مۇلازىمىتى نورمال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى 24 سائەت كېسەل كۆرۈپ، جىددىي داۋالاشقا تېگىشلىك ئاغرىقلار ۋە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئاغرىقلارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىش، داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا نوكلېئىك كسىلاتاسى ۋە قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئېلىپ بېرىش قانات يايدۇرۇلدى.» گۈەن ئەيجۈن مۇنداق دېدى: دىياگنوز قويۇپ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دوختۇرخانىمىز ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا «توردىكى دوختۇرخانا ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىش» مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاچتى، دوختۇرخانا قىزىق لىنىيە مۇلازىمەت تېلېفونى 960200نى يېڭىدىن ئاچتى، قىزىق لىنىيە 24 سائەت ئېچىۋېتىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، داۋالاشقا ئالاقىدار بارلىق سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ۋە دىياگنوز قويۇپ داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  لى چۇڭرۈينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەر قايسى بۆلۈم، ئامبۇلاتورىيەلەرنى نورمال ئېچىۋەتكەن ھەمدە جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى جىددىي داۋالاش يېشىل يولى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامبۇلاتورىيەدىكى ئاغرىقلارنى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئاغرىقنىڭ داۋالاش ۋاقتىنى ئىلمىي ئايرىپ، «بىر دوختۇر بىر ئاغرىق بىر داۋالاش ئۆيى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى ئازايتقان. بۇ دوختۇرخانا يەنە ۋاقىت بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرۈش تەدبىرىنى قوللىنىپ، خادىملارنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتقان.

  دوختۇرخانىدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گۈەن ئەيجۈن شەھەر ئاھالىلىرىگە زۆرۈر بولمىسا كېسەل يوقلاشنى ئازايتىپ، دوختۇرخانىنىڭ ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى