تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خىزمەت كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەرتىپلىك قىلىپ، جىپسىلىشىشىنى راۋان قىلىپ، تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بويىچە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىنى ھەر كۈنى كونكرېت كوچا، مەھەللىگىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تەقسىملەپ، ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، يۈرۈشتۈرۈشكە مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق كۆرۈپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورناتتى، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۇچۇرلارنى تىزىملاش، ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈشكە يوللاش، تەكشۈرۈش، نەتىجىنى يوللاش»تىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ۋەزىپىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتىنى، ماددىي ئەشيالارنى سەپلەشنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىم ئەۋرىشكە ئېلىش، كىم تىزىملاش، كىم تەكشۈرۈش، كىم يوللاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ زىچ جىپسىلىشىشى، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خىزمەت يېتەكچىلىكى ۋە دەل جايىدا نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى ھەم خىزمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى