چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى
نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك
7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەھەللىلەردىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو سايباغ رايونىنىڭ بىر مەھەللىسىدىكى ھەقسىز تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىللە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقتا.
(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەردىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىللە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى بىر مەھەللە ھەقسىز تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، ھەر مىللەت ئاھالىلەر ماسكا تاقاپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇچۇر قەغىزىنى ئېلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىنا، دەنيۈەن، قەۋەتلەر بويىچە تەرتىپلىك ھالدا ئەۋرىشكە ئېلىشنى قوبۇل قىلدى. چېن چۈەنگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىككە مەشغۇلاتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى چىڭىتىش، ئۆزى مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىنى ياخشى تەشكىللەپ، ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشنى تاپىلىدى.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. مەھەللىلەر ئۇللۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى، بولۇپمۇ تەكشۈرۈلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاشنى تولۇق، تەرتىپلىك ئىشلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى دوختۇرخانا ۋە ئۈچىنچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈشكە يوللاش، تەكشۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەشكىللەپ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق قېزىپ، ئارىلاشما تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق قوللىنىپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا يۈزلىنىشى كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك كۈچ ۋە بايلىقلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە چۈشۈرۈپ، قاتتىق ئىنتىزام، ئېسىل ئىستىل بىلەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.