تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى.
جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى دېزىنفېكسىيەلەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، ھەر كۈنى سائەت 0دىن 8گىچە، پۈتۈن شەھەرنىڭ شەھەر رايونىدىكى يوللارنى دېزىنفېكسىيەلىدى ھەم ماس قەدەمدە ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لاردا مەھەللىلەر كوچا يوللىرى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە ئىدارە قورۇسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى».
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى «يۇقۇم» لىنىيەسى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تازىلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇردى. تازىلاش ئاپتوموبىللىرى شەھەر رايونىدىكى ئاساسلىق ۋە ئىككىلەمچى يوللارنى ئايلىنىپ تازىلىدى، تازىلىق ئىشچى خادىملار كوچىلارنى تازىلىدى ھەم ئەخلەت چېلىكى، ساندۇقى، مۇھىت ئاسراش ئاپتوموبىلى قاتارلىق مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ، شەھەر مۇھىتىنى پاكىزلاپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى.
تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ توشۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھالقىسىدا، مىڭدىن ئارتۇق ئەخلەت يىغىش، يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ھىم ئېتىپ يىغىپ توشۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ كۈندىلىك تازىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئايرىۋېتىش نۇقتىلىرىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەركەزلىك يىغىپ توشۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىندى، نۇقتىلىق رايونلاردا تاشلاندۇق ماسكا يىغىش ساندۇقى تەسىس قىلىنىپ، بىخەتەر يىغىش، توشۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، زىيانسىز بىر تەرەپ قىلىش، ئىككىلەمچى بۇلغىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 64 كىچىك تىپتىكى ئەخلەتنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتى، 67 مىڭدىن ئارتۇق ئەخلەت يىغىش ئەسۋابى ۋە 1000دىن ئارتۇق مۇھىت ئاسراش مەشغۇلات ماشىنىسى ھەر كۈنى تازىلىنىپ دېزىنفېكسىيەلىنىپ، ئەخلەت بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى توسۇلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لاردىن ئولتۇراق رايوندىكى يول، مەيدان، كارىدور قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش، تارماق ئورگانلار ئۆز ئالدىغا ئىدارە قورۇسىنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن كەم بولمىغان ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش تەلەپ قىلىندى.
جاڭ لېي ئۆيدە تۇرۇۋاتقان كەڭ شەھەر ئاھالىسىگە شۇنى ئەسكەرتتى: ھازىر ھاۋا ئىسسىق، ئائىلىنى تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەخلەتنى ھىم ئېتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، تۆكۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەخلەت خالتىسىنىڭ ئاغزىنى چىگىش، شارائىتى بولسا ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم ئاددىي دېزىنفېكسىيەلىگەندىن كېيىن ئاندىن تۆكۈش كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچىمىزنى قوشايلى.