تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: كەسپىي ئورۇنلارغا ئاشكارا خادىم تەكلىپ قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانى تۇنجى قېتىم توردا ئېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى): تەقلىدىي ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا يېزىقچە ئىمتىھان بېرىش، ئارقا سۇپىدا مەخسۇس ئادەم ئىمتىھانغا نازارەتچىلىك قىلىش. يېقىندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالاھىدە مەزگىلىدىكى بىر مەيدان ئالاھىدە ئىمتىھان مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى. 2694 نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھانغا قاتناشتى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي ئورۇنلارغا ئاشكارا خادىم تەكلىپ قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە توردا ئېلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  7-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسى، پەن-تېخنىكا نازارىتى، داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى قاتارلىق توققۇز ئورۇنغا جەمئىي 174 خادىم تەكلىپ قىلىش پىلانلانغان(بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 156سى مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىدۇ، %89.6نى ئىگىلەيدۇ)، جەمئىي 3304 نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، ئەمەلىي ئىمتىھان بەرگەنلەر 2694 نەپەر ئىكەن. ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلالمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ قېتىملىق ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئابدۇراخمان سوپۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇقۇم ئەھۋالى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش، تەكلىپ قىلىنىش، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ قوبۇل قىلىنىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانى ھاۋالە قىلىنغان ئورۇنلار بىلەن كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، «ئاقىل ئىمتىھان بۇلۇت» سۇپىسىنى كىرگۈزۈپ، توردا ئىمتىھان ئېلىشقا تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى بېكىتتى.

  بۇ مەركەزدىكى خىزمەتچى خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچ ئىمتىھان ئاپپاراتىنى ئۇنىۋېرسال سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرىدا مەمۇر قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىشتا 15 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە بىر ئورگاننى تاللىدۇق، ئىمتىھان سوئالى ئامبىرىمۇ بىر قەدەر يېڭى، ئارقا سۇپا سىستېمىسىمۇ نىسبەتەن مۇقىم ئىكەن. ئىمتىھان ئېلىش ئاپپاراتىنىڭ ئارقا سۇپا تېخنىكا ئىنژېنېرى 30 ئىمتىھان بەرگۈچىنى بىر مەۋھۇم ئىمتىھان مەيدانىغا تىزدى، تېخنىكا ئىنژېنېرى ئىمتىھان نازارەتچىسى بولۇپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى نازارەت قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ماس قەدەمدە توردا ئىمتىھان مەيدانىنى چارلىدى».

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ، قوشۇلغاندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىشى كېرەك. ئىمتىھاندىن بۇرۇن كومپيۇتېر تەييارلاش ھەمدە «ئاقىل ئىمتىھان بۇلۇت» يۇمشاق دېتالىنى، يان تېلېفوندا «ئاقىل ئىمتىھان ئالاقىسى» يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈشى، بىر يېرىم سائەتلىك ئىمتىھاننىڭ ئالدى-كەينىدە تېلېكامېرا ئۈسكۈنىسىنىڭ نەق مەيداندا ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىمتىھانغا نازارەتچىلىك قىلىش جەريانىدا، ئارقا سۇپا تېخنىكا ئىنژېنېرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار بويىچە بېكىتكەن بىر قاتار گۇمانىي كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەق مەيدان ئىمتىھانىنىڭ ئاۋاز-سىن ھۆججىتىنى ساقلىۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ گۇمانى بولسا، ئارقا سۇپىدا كونكرېت ئەھۋالنى چىقىرىپ تەكشۈرەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق توردىكى ئىمتىھاننىڭ ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  توردا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھاننى قانداق بېرىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، توردا ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە ئىش ئورنى جەدۋىلىنى ئېلان قىلىدۇ، بىز ئارقا سۇپىدا تىزىملىتىش يولىنى ئاچىمىز، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارقا سۇپىدا تىزىملىتىپ ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى يېڭى ئىمتىھان ئۇسۇلىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنە تەقلىدىي ئىمتىھان ھالقىسى تەسىس قىلىندى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھەربىر مەيدان ئىمتىھاندىن ئىلگىرى تەقلىدىي ئىمتىھان بېرىدىغان ئىككى كۈن ۋاقىت بار، ئەگەر تېخنىكىلىق مەسىلىگە يولۇقسا، ۋاقتىدا ئارقا سۇپا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىنكاس قىلىپ ھەل قىلالايدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ».

  ئابدۇراخمان سوپۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق ئىمتىھان ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى.

  كېيىنكى قەدەمدە، 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن قاتارلىق 11 كەسپىي ئورۇننىڭ توردا 334 خادىم قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. تەشكىللىگۈچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، توردا ئىمتىھان ئېلىشنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىش، رايون مۇھىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى توردا تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى