تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، يۇتقۇنچاق پەلكۈچى، بۇرۇن-يۇتقۇنچاق پەلكۈچلىرىنى پەرقلەندۈرەلەمسىز؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 05:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كىلىنىكىدا بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تىرىكى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈشتىكى «ئالتۇن ئۆلچەم».

    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە ئېلىنغان ئەۋرىشكە پەلكۈچ دەپ ئاتىلىدۇ. يۇتقۇنچاق پەلكۈچى بىلەن بۇرۇن-يۇتقۇنچاق پەلكۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئېغىز-يۇتقۇنچاق پەلكۈچى ۋە بۇرۇن-يۇتقۇنچاق پەلكۈچى. قېلىپلاشتۇرۇلغان مەشغۇلاتتا ئېغىز-يۇتقۇنچاق پەلكۈچى ياكى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق پەلكۈچى ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق، ھەممىسىدە يۇتقۇنچاقتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بىر خىلىدا ئېغىز بوشلۇقىدىن كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئېغىز-يۇتقۇنچاق قىسمىدىن ئەۋرىشكە ئېلىنىدۇ، يەنە بىر خىلىدا، بۇرۇن بوشلۇقىدىن كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇرۇن-يۇتقۇنچاق قىسمىدىن ئەۋرىشكە ئېلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئېغىز-يۇتقۇنچاق پەلكۈچىدە ئەۋرىشكە ئېلىندى.

  قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بىز ئادەتتە ئېيتىپ كېلىۋاتقانIgM ،IgG تەكشۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەندە ئادەتتە IgM ۋە IgG دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئانتىتېلانى ھاسىل قىلىدۇ، IgM ئانتىتېلاسى يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر پەيدا بولىدۇ، يېقىندا يېڭىلا يۇقۇملىنىش بولغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. IgG ئانتىتېلاسى ئۇزۇن مۇددەتلىك قوغداش خاراكتېرىگە ئىگە ئانتىتېلا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆمۈرۋايەت ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش-ئۆلچەشتە IgM ۋە IgG دىن ئىبارەت ئىككى ئانتىتېلانى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش-ئۆلچەشنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مەنپىي چىققان، لېكىن بەلگىلىك كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى بارلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى