تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ھەر بىر ئىللىق ئىشقا باغلانغان سەمىمىي قېرىنداشلىق مېھر

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما شۈ خەۋىرى): ليۇ كاڭجۇاڭ شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى ليۇخۇاڭگۇ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى، ئۇ ليۇخۇاڭگۇ بازىرى لۇۋجۇاڭزى كەنتىدىكى ياسىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۇغقىنىغا چىن كۆڭلىدىن غەمخورلۇق قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىككىيلەن ئارىسىدا چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرىنى ئورناتتى.

يېقىندا، ليۇ كاڭجۇاڭ ياسىننىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئۇنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ بېزىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ياسىن ئائىلىسىدە تۆت جان بار بولۇپ، بۇرۇنقى ئۆيى 60 كىۋادرات مېتىرلا كېلەتتى، بوشلۇقى بىر قەدەر كىچىك ئىدى، بۇ يىل ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى پات ئارىدا توي قىلماقچى بولۇپ، ياسىن يېڭى ئۆي سالماقچى بولدى، ئەمما قولىدىكى مەبلەغ يېتەرلىك بولمىغاچقا، بۇ ئىشنى ئىزچىل بىر چەتكە قايرىپ قويغانىدى...

كېيىن، زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ليۇ كاڭجۇاڭ ياسىننىڭ بۇ باش قېتىنچىلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئۇنىڭغا ئامال تېپىپ بەردى. ياسىننى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى يېزا سودا بانكىسىغا بېرىپ قەرز بېجىرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا كېپىل بولدى، ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا 30 مىڭ يۈەن قەرز ئالالىدى. «ليۇ ئاكامغا رەھمەت، ئۇ مەن ئۈچۈن كېپىل بولغاچقا، مۇشۇنداق تېز قەرز بېجىرىپ، يېڭى ئۆينى سالالايدىغان بولدۇم» دېدى ياسىن.

ليۇ كاڭجۇاڭ ياسىننىڭ يېڭى ئۆي سېلىشتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ غېمىنى قىلدى. ياسىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننىڭ ھەممىسى ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق ئىدى. ليۇ كاڭجۇاڭ ياسىننىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئوغلىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنى كۈرەكلىك ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ليۇ كاڭجۇاڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن تۇغقىنىم ئۈچۈن داۋاملىق ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا ياردەم قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى