تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە، مەھەللە ئىچىدە ئائىلە ھالقىپ، قورۇ ھالقىپ يىغىلىپ تاماق يېيىش، يىغىلىش قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 24كىچە،  ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يەتتە، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بەش. 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 53ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 55ى بار.

 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئالدىنقى ئۈچ كۈنگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازايدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: بىرىنچىدىن، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى يىغىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار ئۈنۈملۈك پەرىقلەندۈرۈلدى ھەم ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىپ، تارقىلىش زەنجىرى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاندى؛ ئىككىنچىدىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كېسەللىك قوزغىلىش يوشۇرۇن مەزگىلى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى مەزگىلدە تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغان بىرىنچى ئەۋلاد يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئۆزگەردى؛ ئۈچىنچىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋاقتىدا شەھەرنى قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، خادىملارنىڭ گىرەلەشمە يۆتكىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توستى. بىز ئۇدۇللۇق يۇقۇم ئەھۋالىغا يەنىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يۇقۇمنى دوكلات قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ ساغلام باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەھەللىلەرنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتەر نۇقتىسىنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا، زىچ توقۇيمىز.

ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، ئاھالىلەرنىڭ بىپەرۋالىق قىلىشىغا قەتئىي بولمايدۇ. بولۇپمۇ مەھەللە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە، مەھەللە ئىچىدە ئائىلە ھالقىغان، قورۇ ھالقىغان، يىغىلىپ تاماق يېيىش، يىغىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، باشقۇرۇشىغا قاتتىق بويسۇنۇش كېرەك. ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان خادىملار يۇقۇمنىڭ  ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بەدىنىدە ھەرقانداق بىئاراملىق كۆرۈلسە مەھەللىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى