تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى لېي: تىنچلىق ساقلاش جەڭ مەيدانىدىكى قەھرىمان جەڭچى

لى لېينىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چېڭدۇ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر مېي شىشيۇڭ) ھەر قېتىم چىڭمىڭدا، نۇرغۇن كىشى سىچۇەن ئۆلكىسى پۇجياڭ ناھىيەسىنىڭ فۇشىڭ يېزىسى پېڭخې مەھەللىسىگە كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئانىسى ياڭ بىننى يوقلايدۇ.

ياڭ بىننىڭ ئوغلى لى لېي ئەسلىدىكى 20 - جىتۇەنجۈننىڭ مەلۇم ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر لۈيى رېمونت 1 - ليەنىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، 2016 - يىلى 7 - ئايدا جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق ساقلاش جەڭ مەيدانىدا 22 ياشلىق ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

12 ياشقا كىرگەن يىلى، دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، لى لېي ئانىسى بىلەن بىر - بىرىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئارمىيەگە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇسى بار ئىدى، 2011 - يىلى ئارزۇسىغا يېتىپ ياڭ گېنسى ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمنىڭ بىر جەڭچىسى بولغان.

ھەربىيلەر ئەزەلدىن غەلىبىنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا مەشىقتە بىرىنچىلىكنى تالىشىش كېرەك. ئارمىيەگە كىرگەندىن كېيىن، لى لېي جاپالىق مەشىق قىلىپ، ناھايىتى تېزلا ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر ئەسكەرگە ئايلانغان. 2012 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇ ئەسلىدىكى جىنەن تانكا رېمونتچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش چوڭ ئەترىتىگە ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش تاماملاش ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۇ ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىققا تاللانغاچقا، ئىمتىھان بەرمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، شۇ قاراردا ئۆگەنگۈچى ئەسكەرلەر ئىچىدىكى بىردىنبىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ۋە ئىمتىھان بەرمەيدىغان ئۆگەنگۈچى ئەسكەر بولۇپ قالغان. 2014 - يىلى، «ھالقىش - 2014 . جۈرىخې C» تىركىشىش مانېۋىرىدا، ئۇ بىر ئەترەتنىڭ 92 تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەر چاقلىق جەڭ ئاپتوموبىلى تەگلىكىنى رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەترەتنىڭ 1500 كىلومېتىر يىراق مۇساپىلىك يۆتكىلىشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كاپالەتلىك قىلغان، چوڭ - كىچىك 160تىن ئارتۇق كاشىلىنى تۈگەتكەن. 2015 - يىلى، ئۇ لۈينىڭ «ياڭ گېنسى لوڭقىسى» ئىش ئورنىدا ھەربىي مەشىق ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون بولغان.

2015 - يىلى، تۇرۇشلۇق قىسىمدا تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر يىڭى قۇرۇلۇپ، جەنۇبىي سۇدانغا بېرىپ خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ تۇنجى بولۇپ جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇنغان ھەم تاللاش ئىمتىھانىدا ئۈزۈپ چىققان.

ۋەزىپە رايونىغا بارغاندىن كېيىن، لى لېي ئۇزاق مۇددەت قاراۋۇللۇق ئورنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ھېچقاچان تاشلاپ قويمىغان. بوش ۋاقتى بولسىلا، ئۇ گازارما رايونىدىكى ئاپتوموبىل مەيدانىغا بېرىپ، پېشقەدەم بەنجاڭدىن ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە ئۆزى ئۇچراتقان كاشىلىلارنى، رېمونت قىلغان ئاپتوموبىللارنى خاتىرىسىگە تەپسىلىي خاتىرىلەپ ماڭغان، رېمونت قىلىش تېخنىكىسىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ، ناھايىتى تېزلا يىراق - يېقىنغا داڭلىق ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ماھىرىغا ئايلانغان.

ئېفىيوپىيە تىنچلىق ساقلاش گازارمىسىنىڭ بىر پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى زەخىمگە ئۇچراپ، ئىككى ھەپتىگىچە رېمونت قىلسىمۇ ئوڭشالمىغان. ئۇلار جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. گازارما لى لېينى ياردەمگە ئەۋەتكەن. لى لېي يېرىم كۈندىلا كاشىلىنى تۈگەتكەن.

خەتەر تۇيۇقسىز كەلگەن.

جەنۇبىي سۇدان ۋاقتى 2016 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيە بىلەن كەسكىن ئېتىشقان، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسى دەرھال بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئۆتكەن.

شۇ كۈنى لى لېينىڭ 22 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، لى لېي تۇرۇشلۇق پىيادە ئەسەرلەر 1 - ليەنى 1 - نومۇرلۇق مۇساپىرلار لاگېرىنى قوغداش، كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئىزچىل مۇساپىرلار لاگېرىنى چىڭ ساقلىغان، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن مۇساپىر قورشاۋ تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە، لاگېر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىشقا ئۇرۇنغان، ئۇ ھەر قېتىم باشلامچىلىق بىلەن ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ توسقان.

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەسىراتى «بۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بەك چوڭ بولدى، بارلىق سەپداشلىرىمنىڭ تىنچ - ئامان بولۇشىنى تىلەيمەن»نى يېزىپ قالدۇرغان.

7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 18دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، لى لېي ئولتۇرغان 105 - نومۇرلۇق پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىلى تۇيۇقسىز راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ يارىسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، باش قىسمى، كۆكرەك قىسمىنىڭ كۆپ يېرىگە بومبا پارچىلىرى تېگىپ، ئاخىردا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

لى لېي 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئېلىندى ھەم ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلاندى. سەپداشلىرى مۇنداق دېدى: لى لېي ھاياتى بىلەن «تۆتكە ئىگە» يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان سادىق ئېتىقادىنى نامايان قىلدى، «كۆك دۇبۇلغىلىق ئەزىمەتلەر»نىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان ھەققانىيەت يولىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتتى، يېڭى دەۋردىكى «قەھرىمانلار كۈيى»نى ياڭراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى