تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى جىڭجۇڭ: ئوق تەگكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا زەھەر ئەتكەسچىسىگە قاراپ ئېتىلدى

لى جىڭجۇڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مەشىق قىلىۋاتقان سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۇنمىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ۋاڭ يەن) ئۇنىڭ ئىسمى لى جىڭجۇڭ، ئۇ ئىسمىنىڭ مەنىسىگە ئوخشاش، كەسپىگە ھۆرمەت قىلدى، سادىق بولدى. يۈننەن چېگرا رايونى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بارلىقىنى زەھەر چەكلەش ئىشىغا بېغىشلىدى، ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

لى جىڭجۇڭ 1984 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، لاخۇ مىللىتىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 2007 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا ئوبلاستى جىڭخۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان. كەسىپكە ھۆرمەت قىلىش، سادىق بولۇش لى جىڭجۇڭنىڭ ئەڭ ھەقىقىي كارتىنىسى: ساقچى بولغان توققۇز يىلدىن بۇيان، ئۇ جەمئىي 382 زەھەر دېلوسىنى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، 354 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، 3820 كىلوگىرام زەھەرنى يىغىۋېلىپ، 90 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زەھەر مەبلىغى، 29 قورال، 1500 پايدىن ئارتۇق ئوقنى قولغا چۈشۈرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن ئۈچ قېتىم شەخسىي 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

كۆپچىلىك ئۇنى «كەم سۆز، كاللىسىدا پۈتۈنلەي دېلونىلا ئويلايتتى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ جاپاغا چىدايتتى، جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۆزى يالغۇز رازۋېدكا قىلىپ، ھەربىر ئۇچۇرنى زېرىكمەي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تەھلىل قىلىپ، ھەر قېتىم ۋەزىپىنى ناھايىتى قالتىس ئورۇندىغان. ئۇ چىداملىق، غەيرەتلىك بولۇپ، دېلونى پاش قىلمىغۇچە بولدى قىلمىغان، ئۇ ئىلگىرى بىر كۈن ئىچىدە 10 مىڭ گىراملىق زەھەر دېلوسىدىن ئۈچنى ئارقا - ئارقىدىن پاش قىلىپ، ئىدارىدىكى «قالتىس شەخس»كە ئايلانغان.

2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، نۇرغۇن ئادەم شېرىن ئۇيقۇدىكى ۋاقىتتا، جىڭخۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى يەنىلا جىددىي خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇلار ئىز قوغلاۋاتقانغا خېلى كۈنلەر بولغان بىرنەچچە زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ پات ئارىدا چېگرادىن كىرىپ زەھەر سودىسى قىلماقچى بولغانلىقى، ئورنىنىڭ جىڭخۇڭ شەھىرى جىڭخا يېزىسىنىڭ جۇڭگو - بىرما چېگراسىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەمدىلا خەۋەرگە ئېرىشكەنىدى. ئۇ يەر قويۇق ئورمانلىق بولۇپ، چىغىر يول كۆپ ئىدى، قولغا ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار سودىلىشىش ئورنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىپ، تۇتۇش پىلانى تۈزۈپ چىققان ھەم ئىش تەقسىم قىلغان. زەھەر ئەتكەسچىلىرى قىلچە سەزمىگەن ئەھۋالدا پىستىرما ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈن - تىنسىز تاماملانغان.

چۈش بولغاندا، دالا ئاپتوموبىلىدىكى ئىككى زەھەر ئەتكەسچىسى زەھەر سودىسى قىلىشقا باشلىغان. ئالدىنقى قاراۋۇلدىن دەرھال سىگنال كەلگەن، ھەرقايسى گۇرۇپپىلار بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۆتكەن، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى ساقچىلار ھەيدىگەن ئىككى ئاپتوموبىل تەرىپىدىن ئالدى - كەينىدىن توسۇۋېلىنغان، بىر زەھەر ئەتكەسچىسى ئالدىراپ - تېنەپ ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ ياندىكى قويۇق ئورمانلىققا قاراپ قاچقان، لى جىڭجۇڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا قاراپ ئېتىلغان. دەل مۇشۇ چاغدا، ئاپتوموبىلنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا مۆكۈۋالغان زەھەر ئەتكەسچىسى «پاڭ!» قىلىپ ئۇنىڭغا ئوق چىقارغان. ئوق لى جىڭجۇڭنىڭ بوينىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن، لېكىن ئۇ يەنىلا ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئىشىكىگە شىددەت بىلەن ئېتىلغان. غالجىرلاشقان زەھەر ئەتكەسچىسى ئىككىنچى پاي ئوقنى ئاتقان... لى جىڭجۇڭ يەرگە يىقىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ۋە ئوقىنى توسۇپ قالغان ئاشۇ دەقىقىدە، سەپداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئوق چىقارغان زەھەر ئەتكەسچىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

ئاپتوموبىل لى جىڭجۇڭنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك ماڭغان. سائەت 13تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جىڭجۇڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قۇربان بولغان. سەپداشلىرى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇدا 30 نەچچە سائەت جەڭ قىلىپ، ئاخىر دېلوغا چېتىشلىق بارلىق ئادەمنى تۇتقان. بۇ دېلودا جەمئىي 21 كىلوگىرام زەھەر، ئىككى تاپانچا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جىڭخۇڭ شەھىرى پوشۈي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن لى جىڭجۇڭنىڭ جەسىتى بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمىدا، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا كېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. 2017 - يىلى 5 - ئايدا، لى جىڭجۇڭ يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ بېكىتىلدى، شۇ يىلى 9 - ئايدا، «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.

قەھرىمان ۋاپات بولدى، لېكىن لى جىڭجۇڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ياراتقان روھى ئىزچىل تۈردە جىڭخۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكى ھەربىر خەلق ساقچىسىنى رىغبەتلەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى