تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا، چېن چۈەنگو پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيداندا مەسىلىنى ھەل قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنى كونترول قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، ھازىر تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملانغان ئاساستا، ئەۋرىشكە ئېلىش بىلەن تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇرۇش كېرەك. كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، نەق مەيداندا ئەۋرىشكە ئېلىش، ئۇچۇر كىرگۈزۈش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك تەشكىللەپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا پۈتۈن شەھەر بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرى، كېسەلنىڭ قوزغىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە تارقىلىش مەنبەسىنى جىددىي ئانالىز قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىۋاتاتتى. چېن چۈەنگو مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: خىزمەت سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھەر مىللەت تېببىي خىزمەتچىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى. چېن چۈەنگو دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، داۋالاش كۈچلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە دورا بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو جاپادىن قورقماي، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلانغان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارغا ئۆز مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەپ، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى بويىچە، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ، ياخشى ماسلىشىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، خىزمەتلەرنى دەل جايىدا، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.