تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىخۇ شەھىرىنىڭ چۇڭچىڭ يولىدىكى دەيجۇاڭ باغچىسىدا 7-ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر رېن داجى خەۋىرى): بۇ يىل، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى تەلپۈنۈشىگە ماسلىشىپ، شەھەرنى پىلانلاش، قۇرۇلۇشتا يېشىل تەرەققىيات، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق  ئۆتىدىغان گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقتى.

  7-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىر شىخۇ يېڭى رايونى چۇڭچىڭ يولى دەيجۇاڭ باغچىسى ئىستراھەت مەيدانى رايونىدا ئىشچىلارنىڭ بۇ رايوندىكى گۈللۈك ئەتراپىغا ياغاچ تاختا ئورنىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  جەمئىي 48 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان چۇڭچىڭ يولى دەيجۇاڭ باغچىسى شىخۇ يېڭى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا فۇخې يولى، جەنۇبتا خۈەنخې يولى، غەربتە چۇڭچىڭ يولى، شەرقتە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى قوشۇمچە يولىغا تۇتىشىدۇ. باغچىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 119 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2800 مېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، «بىر ئوق، ئالتە رايون، بەش مەركەز» لايىھەلەش ئىدىيەسى قىلىنغان، نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى