تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كىچىك شوخلا، لىمەي، بادام قاتارلىقلار يەكەندىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر خەن بىڭ، مېھرىبان مۇختار خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئايدىكى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسىدا، 200 يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇياش نۇرى پارنىكى قۇرۇلۇشى تاماملىنىشقا ئاز قالدى، بۇ يىلقى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يەنە شاڭخەي شەھىرىنىڭ 29 تۈرلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى يەكەن ناھىيەسىگە ماكانلىشىدىكەن.

  2018-يىلىدىن باشلاپ، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلارنى باشلاپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزىسى، ئودانلىق بازىرى قاتارلىق جايلاردا 600 يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇياش نۇرى پارنىكى قۇردى ھەم ئىشقا كىرىشتۈردى.

  بۇ بىرنەچچە كۈندە، يەكەن ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر رايونىدىكى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇياش نۇرى پارنىكىدىكى كىچىك شوخلىلار ئۈزۈلىدۇ، ئۈزۈپ يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىچكىرى بازارلارغا سېلىنىدۇ. شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىلغار تېرىقچىلىق تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، كىچىك شوخلىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەندىكى مەھسۇلات مىقدارىدىن 3-5 ھەسسە يۇقىرى بولدى.

  شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يەكەن ناھىيەلىك تارماق ئىشتابى تۈر مەبلىغى كەسپىي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، يەكەن ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ جيۇڭجيۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، 800 يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قەرەلسىز ئۆستۈرۈش ۋە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلغاچقا، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مەھسۇلات مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن، سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېشىل، زىيانسىز بولۇش ئۆلچىمىگە يېتىپ، بۇ تۈرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  يەكەن ناھىيەسى «جۇڭگو بادام ماكانى» بولۇپ، بادامنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇ جاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېزا ئىگىلىكىنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى. بۇ يىل، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كارخانىلىرى چارەك بازىرىدا قۇرغان بادام مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىمۇ پات ئارىدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۇ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ باداملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ يىل، شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن ناھىيەلىك تارماق ئىشتابى شاڭخەيدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، لىمەي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى كىرگۈزگەن، ھازىر بۇ زاۋۇت قۇرۇلۇۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى