تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئولتۇراق رايونغا كىردى مال تولۇق، باھا مۇقىم بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، يۈ شى

7- ئاينىڭ 18 - كۈنى، مەھەللە پىدائىيلىرى كۆكتات، مېۋە - چېۋە توشۇماقتا. شۇ كۈنى، شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى تيەنئەنمىڭمېن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرگە تەكسە باھالىق كۆكتات، مېۋە - چېۋە يەتكۈزۈپ بەردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى دوستلۇق جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نۇرباغ رەڭلىك مېتال مەھەللىسى خەلققە قولايلىق كۆكتات نۇقتىسىدىكى دېزىنفېكسىيەلەنگەن يايما ئورنىدا لازا، شوخلا، شاپتۇل، تاۋۇز، توخۇ گۆشى، قوۋۇرغا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

«توڭلىتىلغان توخۇ پاچىقىنىڭ بىر كىلوگىرامى ئون يۈەن، شىلەنخۇانىڭ بىر كىلوگىرامى ئالتە يۈەن، شياڭجياۋنىڭ بىر كىلوگىرامى 7.5 يۈەن...» پۇل تۆلەش كودىنى سىكاننېرلاپ بولغاندىن كېيىن، مەھەللە ئاھالىسى ۋاڭ جيەنپىڭ كۆكتات نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ۋېنتاۋ سۇنغان ماللارنى ئېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى مەزگىلدىمۇ مۇشۇ باھا ئىدى.»

«مەن ھەر كۈنى سەھەر سائەت 4 - 5لەردە جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىغا بېرىپ مېۋە، كۆكتاتلارنى توپ سېتىۋالىمەن، ئۇ يەردە چىراغلار چاقناپ تۇرىدۇ، ھەممە يەردە مېۋە، كۆكتاتلار لىق قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى بار، مال مەنبەسى تولۇق» دېدى ۋاڭ ۋېنتاۋ.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەر زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى قوزغىتىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شەھەر (رايون) بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى قوللىنىپ، سېتىش كارخانىلىرىنى بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلىدى. بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، ساختا تاۋار ياساش - سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىنىڭ تولۇق، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

نۇرباغ رەڭلىك مېتال مەھەللىسى دەرھال مەھەللىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى ۋە تاللا بازارلىرى، كىچىك دۇكانلار، كىچىك كۆكتات دۇكانلىرى، قولاي دۇكانلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، مەركەزلىك تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش، ئالاھىدە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى يېتەرلىك كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«ئولتۇراق رايوندا ھازىر خەلققە قولاي كۆكتات نۇقتىسىدىن تۆت، بەشى بار، ھەر كۈنى يېڭى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كەلگەندىن كېيىن، مەھەللە ئاھالىلەر ۋىيشىن توپىدا مال باھاسى ۋە مال ئېلىش ئورنىنى ئېلان قىلىدۇ ھەم ماسكا تاقاپ ئۆچرەتتە تۇرۇشىمىزنى ئەسكەرتىدۇ. مەن بۇ ئالاھىدە مەزگىلنىڭ چوقۇم تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ۋاڭ جيەنپىڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

«تاللا بازىرىدا بار تاۋارلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. باھاسى تاللا بازىرىدا ئادەتتە سېتىلىدىغان باھا بىلەن بىردەك بولۇپلا قالماي، ھەركۈنى يەنە ئالاھىدە باھالىق كۆكتاتلار بار، تۇرمۇشىمىزنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قولايلاشتۇردى.» 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 16 دە، بېيجىڭ يولىدىكى جيالېفۇ تاللا بازىرىنىڭ 1 - قەۋىتىدە تەسىس قىلىنغان خەلققە قولاي كۆكتات نۇقتىسىدا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) گاۋشىن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كۇنمىڭ يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى رېن جىنخۇا بىرمۇنچە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تاللىدى.

شىنجاڭ جيالېفۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر رايونى دىرېكتورى جاۋ شياڭلى مۇنداق تونۇشتۇردى: تاللا بازىرى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى يەككە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە تامامەن كاپالەتلىك قىلالايدۇ، ھەمدە ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، 1 - قەۋەتتىكى جىنشاڭ شىيې ئاشخانىسىنى خەلققە قولاي كۆكتات نۇقتىسىغا ئۆزگەرتىپ، كۇنمىڭ يولى مەھەللىسى كاڭپۇ بەيشىن زۈەنشىيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 2100 ئاھالىگە ئېچىۋەتتى. خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، قەرەللىك ھالدا سېتىش مەيدانىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، ئاھالىلەرگە بىخەتەر، پاكىز، ساغلام بولغان مال سېتىۋېلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بەردى. دۇكانغا كىرىدىغان ئاھالىلەرمۇ ئاڭلىق ھالدا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەرتىپلىك كىرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جيالېفۇ تاللا بازىرى كۈچلۈك ئامبار زاپىسىنى تىرەك قىلىپ، توردا سېتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى ئەتراپتىكى 20 دىن ئارتۇق ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ئىدارە ئاشخانىسى ھەم مېھمانخانا، مېھمانسارايلارغىچە كېڭەيتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، ئۇچراشماي يەتكۈزۈپ بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرىدۇ، خاتىرجەم قىلىدۇ.

7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 19دا، سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساڭفاڭگۇ جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدىكى خەييەن تاللا بازىرىدا، نەچچە ئون يەشىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى دۇكان ئالدىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ، دۇكاندار دۇ خەييەن مال رەتلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 80 كىۋادرات مېتىرچە كېلىدىغان بۇ دۇكاندا 700 خىلغا يېقىن تۇرمۇش بۇيۇملىرى مال جازىسىغا لىق تىزىلغانىدى. «مال كىرگۈزۈش يوللىرى راۋان، باھاسىدا بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىرىش بولمىدى، تاللا بازىرىنىڭ پارچە سېتىش باھاسىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش» دېدى دۇ خەييەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى