تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاڭ چاۋ: چوڭقۇر دېڭىزغا تەلپۈندى، دېڭىز ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشقا ئىرادە باغلىدى

جاڭ چاۋنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى لىچياڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) بوخەي قولتۇقى ساھىلىدىكى بىر دېڭىزغا يانداش ياسالغان مەشىق مەيدانىدا، جيەن - 15 بەلگىلىك ئايرۇپىلاننىڭ غايەت زور گۈركىرىگەن ئاۋازى كۆكنى تىتىرەتتى − 2015 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 28 ياشلىق جاڭ چاۋ مۇشۇ جايدىن يولغا چىقىپ، ئاۋىياماتكىغا قاراپ ئۇچۇش مۇساپىسىنى باشلىدى.

ئۇ دېڭىز ئارمىيەسى قائىدىنى بۇزۇپ تاللىغان، ئادەتتىن تاشقىرى تەربىيەلىگەن ئاۋىياماتكا كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر بەندىكى ئۇچقۇچىلار 2013 - يىلىلا ئۆگىنىش - مەشىقنى باشلىغانىدى. دېمەك، جاڭ چاۋ بىر يىل ئىچىدە سەپداشلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى مەشىق مىقدارىغا يېتىشىۋېلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇ قىلالىسا، يېڭى مەشىق لايىھەسىنى يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى، بۇ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياماتكا كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتەتتى.

مەشىق ۋەزىپىسى مۇشكۈل، ئېغىر بولغاچقا، بېسىمنىڭ بولۇشى ئېنىق ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جاڭ چاۋ باشتىن كەچۈرمىسە بولمايتتى.

ئەسلىدىكى ئورنىنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشكە كۆزى قىيمىغان، جاڭ چاۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەككىز خىل تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانى ھەيدىگەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان جيەن - 8 بەلگىلىك ئايروپىلان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى تىپتىكى 3 - ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئوخشاش تۈركۈمدىكى ئۇچقۇچىلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم يالغۇز ھەيدىگەن بولۇپ، پۈتۈن تۇەن ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ئۇچۇش ماھىرى ئىدى.

جاڭ چاۋ ئۆزىمۇ ئاۋىياماتكىدىن ئۇچۇشنى تاللاشنىڭ ھەممىنى نۆلدىن باشلاشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ زور خەۋپ - خەتەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى. لېكىن تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ يىراق بولغان چوڭقۇر دېڭىزنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇش ئىزچىل ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنتىلگەن ئارزۇ ئىدى. ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندە، مەكتەپ ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قالماقچى بولغان، جاڭ چاۋ ئۇرۇش قىلىش قىسمىغا بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «دېڭىز ئاسمىنىنى قوغدىغۇچى» ۋاڭ ۋېي ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمغا تەقسىم قىلىنغان.

تاللاش مەزگىلىدە، ئىمتىھان ئالغۇچى ئۇنىڭدىن تۇنجى بولۇپ «ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنى ھەيدەش دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ خەتەرلىك ئۇچۇش مەشغۇلاتى، سىز كېلىشنى خالامسىز؟» دەپ سورىغاندا، جاڭ چاۋ: «مەن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن يەنىلا بارغۇم بار» دەپ جاۋاب بەرگەن.

كۆڭلىگە دېڭىز ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى پۈككەن، سانسىزلىغان ئۈمىدلەر يۈكلەنگەن جاڭ چاۋ ئاۋىياماتكا ئاۋىياتسىيە قىسمىغا قاتناشقان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ «ھەسسىلەپ كۈچەش ئەندىزىسى»نى قوزغاتقان: ئالتە ئاي بولغاندا، ئۇ مەشىق سۈرئىتىگە يېتىشىۋالغان؛ ئون ئاي بولغاندا، ئۇ تۇنجى قېتىم جيەن - 15 بەلگىلىك ئايروپىلاننى ھەيدەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن. بارلىق باھالاش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە نەتىجىسى ئەلا بولغان.

2016 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جاڭ چاۋنىڭ ئېشىپ قالغان مەشىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئاۋىياماتكىغا ئوڭۇشلۇق چىقىشقا پەقەت ئۈچلا ئۇچۇش كۈنى قالغان. پەقەت ئاۋىياماتكىدا ئۇچۇش - قونۇش مەشىقىنى تاماملاپ، ئاۋىياماتكىغا چىقىش سالاھىيەت ئېتىراپنامىسى ئالسىلا، ئاۋىياماتكا كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ھەقىقىي ئۇچقۇچىسىغا ئايلىنالايتتى.

شۇ كۈنى پىلان بويىچە، جاڭ چاۋ ۋە سەپداشلىرى ئۈچ قېتىم تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشنى مەشىق قىلماقچى بولغان. ئىككىنچى قېتىم ئۇچۇپ بولغاندىن كېيىن، دېڭىز يۈزىدە تەدرىجىي سۇس تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، كۆرۈش دەرىجىسى بارغانسېرى ناچارلاشقان، ئۈچىنچى قېتىملىقى قۇرۇقلۇقتىكى بازىدا ئاۋىياماتكىغا تەقلىد قىلىپ قونۇش مەشىقى قىلىپ تەڭشەلگەن.

سائەت 12دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ چاۋ ھەيدىگەن 117 - نومۇرلۇق جيەن - 15 بەلگىلىك ئايروپىلان «ئاۋىياماتكا»غا قونۇش لىنىيەسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ ئاۋىياماتكىغا قونۇش تېخنىكىسى ئىزچىل ناھايىتى قالتىس ئىدى، تاماملىغان% 93.24 ئۇچۇش قېتىمىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى باھالاش نومۇرى 3.12گە يەتكەن بولۇپ، 2.75 نومۇرغا يەتسىلا ئاۋىياماتكىغا چىقىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلەتتى.

لېكىن، جاڭ چاۋ مۇكەممەل دېگۈدەك دەرىجىدە دەل قونغاندىن كېيىن، يەرگە تېگىشىپ سىيرىلىپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان تۇيۇقسىز «تېلېكس كاشىلىسى»نى مەلۇم قىلغان، ئايروپىلان بېشى تېز سۈرئەتتە زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلۈپ، كۆتۈرۈلۈش بۇلۇڭى 80 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ھالەتتە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەن.

نەق مەيداندىكى سىن ۋە ئۇچۇش پارامېتىرى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سائەت 12دىن 59 مىنۇت 11.6 سېكۇنت ئۆتكەندە كاشىلا بايقالغاندىن تارتىپ سائەت 12دىن 59 مىنۇت 16 سېكۇنت ئۆتكەندە پاراشۇتتىن سەكرىگىچە بولغان قىسقىغىنا 4.4 سېكۇنت ۋاقىت ئىچىدە، جاڭ چاۋ پەقەت بىرلا ھەرىكەت قىلغان، ئۇ بولسىمۇ باشقۇرۇش دەستىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىتتىرىپ، ئايروپىلان بېشىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى توسۇپ، ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ پاچاقلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشقان.

ھالبۇكى، ئېگىزلىكى بەك تۆۋەن، بۇلۇڭ گىرادۇسى بەك ناچار بولغاچقا، جاڭ چاۋ پاراشۇت بىلەن بىللە ئېتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن نەچچە ئون مېتىر يىراقلىقتىكى چىملىققا قاتتىق ئۇرۇلۇپ چۈشكەن، يۈرىكى، جىگىرى، تېلى، ئۆپكىسى ئېغىر زەخىملەنگەن. دوختۇرخانىغا كېتىۋاتقان يولدا، ئۇ سەپداشلىرىدىن: «مەن ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ، ئەمدى ئۇچالماسمەنمۇ...» دەپ سورىغان.

سائەت 15تىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ چاۋنىڭ ياش يۈرىكى مەڭگۈ سوقۇشتىن توختىغان.

2016 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش جاڭ چاۋغا «دېڭىز ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشقا ئىنتىلگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى» دەپ تولۇقلاپ شەرەپلىك نام بەردى.

2018 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «دېڭىز ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشقا ئىنتىلگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى» جاڭ چاۋ پۈتۈن ئارمىيەدە سۈرىتى ئېسىلىدىغان قەھرىمان - نەمۇنىچى قاتارىغا قوشۇلدى.

جۇڭگونىڭ ئاۋىياماتكىدىن ئۇچۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ −

جاڭ چاۋ، ئەر، خۇنەن يۆياڭدىن، 1986 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، 2004 - يىلى 9 - ئايدا ئارمىيەگە كىرگەن، 2009 - يىلى 5 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياماتكا ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، دېڭىز ئارمىيەسى شاڭۋېي ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇچقۇچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى