تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

شېن لياڭلياڭ: خەلقنىڭ قەلبىدىكى تىنچلىق ساقلاش قەھرىمانى

شېن لياڭلياڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ليۇ شياۋخۇڭ) 78 - جىتۇەنجۈن مەلۇم قۇرۇلۇش - خىمىيەۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش لۈيى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «شېن لياڭلياڭ خاتىرە زالى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بىر پارچە قىزىل رەڭلىك «قەھرىمانلار تىزىملىكى» ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ سۈرىتى ئالدىغا قويۇلدى. تىزىملىكتىكى 365 سەرخىل ئەسكەرنىڭ ھېكايىلىرى قەھرىماننىڭ ئىزباسارلىرى بارلىقىنى نامايان قىلدى.

شېن لياڭلياڭ، ئەر، 1987 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنشيەن ناھىيەسىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھايات ۋاقتىدا 78 - جىتۇەنجۈن مەلۇم قۇرۇلۇش - خىمىيەۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش لۈيىنىڭ ئاساسى بولغان قىسىمنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، شاڭشى ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2010 - يىلى 7 - ئايدا، جىلىن شەھىرىدىكى 2 - سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا كەلكۈن كەلگەن، ئۇ ليەندۈي بىلەن بىللە يۇڭجى ناھىيەسى كوۋچيەن بازىرىغا بېرىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە تىزىملىتىپ قاتناشقان. بۇ ئارىلىقتا، گەرچە كۆپ قېتىم خەتەرلىك ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قىلچە پەرۋا قىلماي، ھەرگىز چېكىنمەي، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە قاپسىلىپ قالغان 50تىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

2013 - يىلى يىڭ ئۇنى ئاپتوموبىل مەيدانىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلىدى. ئاپتوموبىل مەيدانىدا خىزمەت قىلغان ئۈچ يىلدا، شېن لياڭلياڭ ھەر خىل قورال - جابدۇقلارنىڭ ئىقتىدارى، پارامېتىرى، ھالىتى، ھەتتا يۈرۈش كىلومېتىر سانى، دائىم كۆرۈلىدىغان كاشىلا نۇقتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى «يادلاپ بېرەلەيدىغان» بولغان، ئاپتوموبىل مەيدانى يىلمۇ يىل يۇقىرى دەرىجىلىك تەرىپىدىن ئىلغار بولۇپ باھالانغان.

ئارمىيەگە قاتناشقان 11 يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، تەشكىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇنى يەتتە ئىش ئورنىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان، ھەر قېتىم ئۇ قەتئىي بويسۇنغان. بولۇپمۇ مالىدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن، شېن لياڭلياڭ تەشەببۇسكارلىق ھالدا قىز دوستى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ چاي ئىچۈرۈشنى كېچىكتۈرگەن.

قىسىمنىڭ پات ئارىدا مالىغا تىنچلىق ساقلاشقا بارىدىغانلىقىنى بىلىپ، شېن لياڭلياڭ ليەن، يىڭ، تۇەن ئۈچ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئۇدا ئىككى يىل جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى سۇنغان. تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپە رايونىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ ۋىيشىننىڭ خاس ئىمزا ئورنىغا: باتۇرلۇق، باتۇرلۇق، دەپ يازغان. ئاچىسى ئۇنىڭغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى قايتا - قايتا تاپىلىغان، ئۇ ئاچىسىدىن: «ئاتا - ئانامغا بىلدۈرمە، ئۇلار ئەنسىرەپ قالمىسۇن» دەپ ئۆتۈنگەن.

مالى ۋاقتى 2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 20دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شېن لياڭلياڭ سەپدىشى سى چۇڭچاڭ بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ساقلاش گازارما رايونىنىڭ 2 - نومۇرلۇق دەرۋازىسىدا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر ئاپتوموبىل يىڭ دەرۋازىسىغا تېز سۈرئەتتە كەلگەن. باش قاراۋۇل شېن لياڭلياڭ دەرھال ئۇرۇش قىلىش نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىغا دوكلات قىلغان، ھەم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىپ، گازارما رايونىغا قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئۇقتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سى چۇڭچاڭنىڭ نىشانغا توسۇپ زەربە بېرىشىگە كەسكىن قوماندانلىق قىلغان، ئاپتوموبىل پارتلىغان دەقىقىدە سى چۇڭچاڭنى قاراۋۇلخانىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتكەن.

ئەسلىدە شېن لياڭلياڭنىڭ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ۋاقىت ۋە پۇرسىتى بار ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، باشتىن - ئاخىر قاراۋۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاپتوموبىلبومبىنىڭ گازارما رايونىغا بۆسۈپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئەمدىلا 29 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ قەھرىمانە ھەرىكىتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى تېخىمۇ زور تالاپەتكە ئۇچراشتىن ساقلاپ قالغان، ئۇ ھاياتى ئارقىلىق بىر ھەربىينىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن.

قەھرىماننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ لۈي ئۇزاق مۇددەت «قەھرىماننىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، قەھرىماننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا مېڭىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى قوغداشتەك قويۇق كەيپىيات بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، %90تىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، چەت ئەلگە چىقىپ تىنچلىقنى ساقلاش، چەت ئەلگە چىقىپ بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى