تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا ئەۋزەللىككە ئىگە 42 رايوننى ئورۇنلاشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جىخاۋ): ئوخشىغان لەڭمەن، كاۋاپ قىلىنغان نان، يېيىشلىك راڭپىزا...شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تائاملىرىنى ماختىماي قالمايدۇ، ياخشى ناملار شىنجاڭ ئۇنىغا بولغان ئېھتىياجنى داۋاملىق ئاشۇرماقتا. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 42 ناھىيە، شەھەردە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەۋزەل رايونلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ ئۇنىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ چىقىرىدىكەن.

  شىنجاڭ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق، چۆل، بوستانلىق سۇغىرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە رايونىغا تەۋە بولغاچقا، ھەر خىل سورتتىكى بۇغدايلارنى تېرىشقا ماس كېلىدۇ، شىنجاڭ دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونى. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نان، لەڭمەن قاتارلىق ئالاھىدە يېمەكلىكلەر شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ ئۇن ئىستېمالىنىڭ مۇتلەق ئېھتىياجى ئېشىپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك-يېزا نازارىتى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «شىنجاڭ ئىچىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇغداي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىدۇ. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، شىمالىي شىنجاڭدا، دانلىق، ئورگانىك، سېلېن قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بۇغدايلار نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا مەۋقەنى ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مېۋە بىلەن ئاشلىقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىگە ماس كېلىدىغان يېڭى بۇغداي سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن سان، سۈپەتنى تەڭ ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رايون بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى (2025-2020 يىللىق)»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاشلىق، پاختا، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، خاس زىرائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش چوڭ تۈر 44 خىل ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى