تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليەن شۆتىڭ خەۋىرى): «ھازىرقىدەك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا، ئوبدان سۇغىرىپ، ياخشى ئوغۇتلاشقا دىققەت قىلىپ، لازىلارنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى يۇلتۇزباغ بازىرى ئۈجمەئېرىق كەنتىگە كېلىپ، 200 مو پىگمېنتلىق لازىنىڭ ياپيېشىل باراقسان ئۆسكەنلىكىنى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ دېھقانلارغا پىگمېنتلىق لازىدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
بۇ يىل توقسۇ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقانلارنى 15 مىڭ مو يەرگە پىگمېنتلىق لازا تېرىشقا يېتەكلىدى. نۆۋەتتە، 15 مىڭ يەردىكى پىگمېنتلىق لازا پەرۋىش قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ لازا پەرۋىشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. كەنت ئاھالىسى راخمان رېشىت بۇ يىل پىگمېنتلىق لازىنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ تېرىدى، تېخنىكسى ۋە تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى كۈنلەردە تېمپېراتۇرا ئۇدا يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاز بىر قىسىم لازىلاردا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى كۆرۈلۈشكە باشلدى، تېخنىكلارنىڭ ۋاقتىدا نەق مەيدانغا كېلىپ «تومۇر تۇتۇش»ى، يۈزتۇرا يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، لازىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى بارا-بارا ياخشىلاندى.
«تېخنىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا ۋە مىقداردا سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، پەرۋىش قىلدىم، ھازىر لازىلار ئىنتايىن ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ» دېدى راخمان.
بۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيەسى يەنە توقسۇ ناھىيەسى جوۋشەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى جەلپ قىلىپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپېراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، پۈتۈن ناھىيە بىلەن 8000 مولۇق پىگمېنتلىق لازا زاكاز توختامى ئىمزالاپ، پىگمېنتلىق لازا پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. توقسۇ ناھىيەسى جوۋشەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى جاڭ كاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: «بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىز بۇ يىل پۈتۈن ناھىيەدىكى پىگمېنتلىق لازىنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر كىلوگىرامىنى يەتتە يۈەنلىك باھا بىلەن سېتىۋېلىپ، چوڭقۇر پىششىقلاش ئارقىلىق، پىگمېنت ۋە لازا قىيامى مەھسۇلاتىنى ئاساس قىلىپ، ياپونىيە ۋە كورېيەگە ئېكسپورت قىلىمىز.»