تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش يېڭى ماكانىنى ئاچتى

يۆلەش سىياسىتى كۈچ بەردى ئارزۇنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش يېڭى ماكانىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

«ئالدىنقى ئايدا، بىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ماسلىشىدىغان توك بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسى تۈرى دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشتى» دېدى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئىگىلىك تىكلىگۈچى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنى مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى قەيسەرجان تايىر.

ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، قەيسەرجانغا ئوخشاش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلانماقتا، ئۇلار ياشلىق قىزغىنلىقى ۋە جاسارەت بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى قوغلىشىۋاتىدۇ.

قەيسەرجاننىڭ مودېل ياساش تېخنىكىسىغا ئىزچىل كۈچلۈك قىزىقىشى بار ئىدى. داشۆگە چىققاندىن كېيىن، مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە ئۇ مەكتەپتىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدا «ئارزۇغا ئىنتىلىش ئېلېكتىرون ئىشخانىسى» قۇردى. «مەكتەپ مەيداننى ھەقسىز تەمىنلىدى، سۇ، توك، پار، تور قاتارلىق خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلدى، يەنە بىزنى ئۈستەل - ئورۇندۇق، كومپيۇتېر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخىمىزنى تېجەپ بەردى» دېدى قەيسەرجان.

سىياسەتنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، قەيسەرجاننىڭ ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق پەن - تېخنىكا ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، «فېڭچېڭ 1 - نومۇرلۇق قۇياش ئېنېرگىيەلىك چۇۋۇشقا بولىدىغان ئوقۇتۇش كارتىڭ ئاپتوموبىلى» تۈرىنى ئىشلەپ، بۇ رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۇرۇژك پائالىيىتىنى مودېل جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلىدى، داۋانچىڭ رايونلۇق پەن - تېخنىكا ئىدارىسى يەنە ئۇنى 200 مىڭ يۈەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەشىق پىلانىنى سىجىل يولغا قويدى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت دەرىجىلىك تۈردىن 1518نى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈردىن 2290نى قوللىدى، 15 مىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى بۇ تۈرگە قاتناشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر كارخانا، ساھەلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان داشۆ پەن - تېخنىكا باغچىسى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار بازىسى 125، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئىجادكارلار بوشلۇقى 32 بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك «ئارزۇ لوڭقىسى» كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، جەمئىي 354 تۈر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلدى، 32 تۈر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، 13 تۈر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى تەرىپىدىن يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن ھەم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ياكى پەرىشتە مەبلىغىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن.

«سىياسەتنىڭ قوللىشى بولغاچقا، مەن 10 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى، 6000 يۈەن ئۆي ئىجارە ئېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ھەمدە 3000 يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇم، بۇ، جىددىي قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلدى» دېدى داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئىگىلىك تىكلىگۈچى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇئېر كۆرۈش سېزىمى كىنو - تېلېۋىزىيە مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دېڭ شۈخۇي.

بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە نامرات ئائىلىلەردىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن، مۇقىم تىجارەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان ھەم تىجارەت ھالىتىنى ساقلىغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەن بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى، 6000 يۈەن بىر قېتىملىق ئۆي ئىجارە ئېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى ھەم قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىر ئادەم ئۈچۈن 1000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى.

بۇ يىل، داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يەنە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىلتىماس قىلالايدىغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز سوممىسىنى 150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى.

4 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقىرىپ، ئىشنى ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىش، تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى.

كۈچ بېرىۋاتقان بۇ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يۆلەش سىياسەتلىرى تېخىمۇ كۆپ داشۆ ئوقۇغۇچىسىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى، تالانتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن 28 مىڭ 300 ئىگىلىك تىكلىگۈچى كۆپىيىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %94.26ى ئورۇندىلىپ، 47 مىڭ 900 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنغان، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈم ئېففېكتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى يەنىمۇ نامايان بولغان.

«بىز ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئىگىلىك تىكلەش باغچە رايونى قۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىسى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى