تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لو چۇنۋېي: شىددەتلىك ئوتنى ئۆچۈرۈشكە پىداكارلىق بىلەن ئاتلاندى

لو چۇنۋېينىڭ ھايات ۋاقتىدا يېزىغا چۈشۈپ زىيارەت قىلغاندىكى سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى نەننىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر لىن فەنشى) قويۇق ئىس - تۈتەك ئالدىدا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن دېڭىزغا سەكرەپ چۈشۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت يالقۇنى پەلەككە يەتكەن بېلىقچىلىق كېمىسىگە قاراپ ئۈزدى. ئۇ دەل لو چۇنۋېي بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قالدى.

لو چۇنۋېي، خەنزۇ، 1979 - يىلى 8 - ئايدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيخەي شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھايات ۋاقتىدا گۇاڭشى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى بېيخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ديەنجيەن چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى بولغان.

«لو ساقچىخانا باشلىقى ھەر قېتىم ئەترەت باشلاپ چارلاشقا چىققاندا، ھەمىشە سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭاتتى» دېدى لو چۇنۋېينىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشى، ديەنجيەن چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جوۋ گاڭلىڭ. ساقچى بولغان 19 يىلدا، لو چۇنۋېي جەڭچى، ئىش بېجىرگۈچىدىن مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى، جاۋداۋيۈەن، ساقچىخانا باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن، مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، ئۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كەسىپچانلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ قارىمىقىدىكى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىغان.

قەھرىمان تۇغما بولمايدۇ، قەھرىمانلارنىڭ باتۇرانە ھەرىكىتىمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.

2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 11 - نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «فەنيابى» بېيبۇۋەندىكى دېڭىز يۈزىگە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ كۈنى سائەت 10 ئەتراپىدا، بېيخەي شەھىرى ۋېيجوۋ ئارىلى نەنۋەن كوچىسىدىكى پىرىستانغا يېقىن جايدا توختىتىپ قويۇلغان بىر كېمە تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسى زەخىمگە ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان، كېمىدە يەنە بېلىقچىلار بار ئىدى. خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە، لو چۇنۋېي كىيىمىنى سېلىپلا دېڭىزغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئارقان بىلەن كېمىنى ياخشى مۇقىملاشتۇرغان. ئۇ قىرغاققا ئۈزۈپ چىققاندا، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە، توختىماي قۇسقان.

2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ۋېيجوۋ ئارىلى پورتىدا بىر دومىلىتىپ قاچىلاش پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 28 ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتكەن، لو چۇنۋېي دېڭىزدىن بەش ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

2015 - يىلى 6 - ئايدا، لو چۇنۋېي قارىمىقىدىكى رايوننىڭ ئامانلىق ئەھۋالى تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسپىي ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ديەنجيەن چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا يۆتكىلىپ ساقچىخانا باشلىقى بولغان. دېڭىز ئۈستى ئامانلىقىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قىيىن بولۇش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قىيىن بولۇش، ئاخبارات يىپ ئۇچى توپلاش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، لو چۇنۋېي «ئون كېمە بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش» «بىر كۈندە بىر قېتىم چارلاپ تەكشۈرۈش» قاتارلىق خىزمەت ئەندىزىلىرىنى بەرپا قىلىپ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بېيخەيدىكى بىر بېلىقچىلىق پورتىدا توختىتىپ قويۇلغان ئۈچ بېلىقچىلىق پاراخوتىغا ئوت كەتكەن. لو چۇنۋېي خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ بېرىپ خەتەرنى تۈگىتىپ، پورتتىكى 1000دىن ئارتۇق بېلىقچىلىق كېمىسىنى تۇتاش ئوت كېتىش ئاپىتىدىن ساقلاپ قالغان.

2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا، بېيخەي شەھىرى چياۋگاڭ بازىرى چېگرا سودا پىرىستانىدا 11 توننا دىزېل قاچىلانغان بىر بېلىقچىلىق كېمىسىدە ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، لو چۇنۋېي خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ئاتلانغان. ئەينى چاغدا، ئوت كەتكەن بېلىقچىلىق كېمىسى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، پورتتىكى تۇتاش توختىتىپ قويۇلغان بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە قاراپ كەلگەن. بۇ كېمىلەرگە زور مىقداردىكى دىزېل ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاچىلانغان بولۇپ، ئەگەر ئوت كەتكەن بېلىقچىلىق كېمىسىدىن ئوت تۇتىشىپ كەتسە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئوتنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جەزمەن ئوت كەتكەن بېلىقچىلىق كېمىسىنى قىرغاققا سۆرەپ كېلىش كېرەك ئىدى.

خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە، لو چۇنۋېي دەرھال كىيىمى ۋە ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، دېڭىزغا سەكرىمەكچى بولغان. «لو ساقچىخانا باشلىقى، خەتەرلىك!» جوۋ گاڭلىڭ لو چۇنۋېينى تۇتۇۋېلىپ ئۇنى توسۇماقچى بولغان. «مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن!» لو چۇنۋېي جوۋ گاڭلىڭنى ئىتتىرىۋېتىپ دېڭىزغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئارقاننى چىشلەپ ئالدىغا قاراپ ئۈزگەن.

لو چۇنۋېينىڭ تۈرتكىسىدە، نەق مەيداندىكى نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دېڭىزغا سەكرەپ چۈشۈپ، بىرلىكتە كۈچەپ ئوت كەتكەن بېلىقچىلىق كېمىسىنى قىرغاققا سۆرەپ كېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۈچلۈك ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان. بەختكە قارشى، لو چۇنۋېي قىرغاققا ئۈزۈپ قايتىپ كېلەلمىگەن. ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۇ كۈنى سائەت 15تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، لو چۇنۋېينىڭ جەسىتى دېڭىز ئاستىدىن تېپىلغان. لو چۇنۋېي ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ يىلى ئەمدىلا 37 ياشتا ئىدى.

لو چۇنۋېي قۇربان بولغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئامما بەس - بەستە ئۆزلۈكىدىن پىرىستانغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى، پىرىستاندا توختىتىپ قويۇلغان نۇرغۇن بېلىقچىلىق كېمىلىرى گۈدۈك چېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى... شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى لو چۇنۋېينى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىدى ھەم دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئۆزىنى بېغىشلاش ئالتۇن خاتىرە ئىزنىكى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى