تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

خىزمەت ۋاقتى بىلەن تۇرمۇش ۋاقتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سالامەتلىككە زىيانلىق

  پەن-تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ مېڭرەن): 30 دۆلەتتىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى ئوبيېكىت قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: خىزمەت ۋە تۇرمۇش ۋاقتى تەڭپۇڭسىز كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. 

  بىر كۈن ئىچىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىت چەكلىك، ئەمما خىزمەتچىلەر دۇچ كېلىدىغان تاللاش چەكسىز بولىدۇ. بۇ ھەرخىل ئاخىرقى چەك، ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەت ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، بۇنىڭدىن ھەرخىل ئىختىلاپ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىز تۇيغۇ ساغلاملىققا ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

  گېرمانىيە بىلفيېلد داشۆسى بىلەن لېيبنىز ئالدىنى ئېلىش ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى 2015-يىلى ئېلىپ بارغان 6-قېتىملىق «ياۋروپا خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش»تىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلغان. تەكشۈرۈلگۈچىدىن ئۆزىنىڭ ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالى، خىزمەت ۋاقتى، خىزمەتتىن سىرتقى ئائىلە ۋە جەمئىيەت مەجبۇرىيىتىگە ماسلىشىش دەرىجىسىنى دوكلات قىلىش ھەمدە خىزمىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەسۋىرلەش تەلەپ قىلىنغان. ياۋروپادىكى 30 دۆلەتتىن كەلگەن 32 مىڭ 275 نەپەر خىزمەتچىدىن ئىنكاس يېغىۋىلىنغان.

  تەتقىقات ئەترىتى بۇنىڭدىن خىزمەت، تۇرمۇش ۋاقتى تەڭپۇڭسىز كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىق ئېھتىماللىقىنىڭ ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ئەھۋال ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى