تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ روچى خەۋەر قىلىدۇ): 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك CBA مۇسابىقىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 94كە قارشى 107 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
ئىككى كوماندىنىڭ مەيدانغا تۇنجى چىققان ماھىرلىرى:
شىنجاڭ كوماندىسى: فەن زىمىڭ، ياڭ سەييۈ، رەپقەتجان، زېڭ لىڭشۈ، شىرئەلىجان.
شەندۇڭ كوماندىسى: تاۋ خەنلىن، جۇ روڭجېن، لى جىڭيۈ، جاڭ خۇي، چېن پېيدۇڭ.
مۇسابىقە ئىشلىرىدىن ئالدىن ئۇقتۇرۇش: 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ كوماندىسى فۇجيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ (19:35).