شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇڭلىن بازارلىق شىپاخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ئۈلگە كۆرستىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى بىلەن ماسكىنى توغرا تاقاشنى ئۆگەنمەكتە. شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى دۇڭلىن بازىرىدا يازلىق تەتىللىك «بىخەتەر مۇداپىئەلىنەلەيدىغان قالتىس بالا» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە تېببىي خادىملار، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرى قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا كۈندىلىك خەتەردىن ساقلىنىش، شۇنداقلا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەردى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ئاددىي تېڭىق، يۈرەك، ئۆپكىنى قوزغىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى نەق مەيداندا ئۆگەندى، ئوت ئۆچۈرگۈچ، ئوت ئۆچۈرۈش سېلىنچىسى قاتارلىق ئوت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى.(شۈ يۈ فوتوسى)
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى