تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پىروفېسسورنىڭ نان يېقىشنى ئۆگىنىش ھالىتى ناھايىتى گۈزەل

يۆ يەنيۈن

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە دورىگەرلىك ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى فېڭ زوشەن ۋە ئۇنىڭ دوكتورلار تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ شاگىرتقا ئايلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر كارخانىدا نان يېقىشنى ئۆگەنگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر بېرىلدى. بۇ قارىماققا كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى، خەۋەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدە پىروفېسسورنىڭ نان يېقىشنى ئۆگىنىشتىكى مەقسىتىنىڭ شىنجاڭ نانلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ئاسان قۇرۇپ قېلىش، قېتىپ قېلىش قاتارلىق «گۇمانلىق، قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلە»لەرگە قارىتا، ئۆزى شەخسەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلارنى ئېچىش ئارقىلىق، ناننىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭ نانلىرىنى ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەيران قالدۇرغاندىن باشقا، پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە چۆكۈشنى خالاش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئاددىي - ساددا ئىستىلى كىشىنى چىن قەلبىدىن قايىل قىلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈمىد قىلدى: «كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەننىڭ چوڭ زېمىنىغا يېزىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا قوللىنىشى كېرەك.» پىروفېسسور فېڭ زوشەن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى، ئېنىقكى، ئۇلار بۇ تەلەپنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە تۆھپە قوشۇشى بولغاندىلا، شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپى جەزمەن تېخىمۇ «پەن - تېخنىكا تەركىبى»گە ئىگە بولىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جەزمەن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نان ياققان ھالىتى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ چوڭ زېمىندا ئىلمىي ماقالە يازغاندىكى ئەڭ گۈزەل قىياپىتىدۇر.

خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە چاقىرىقى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەۋر ساداسى. نان شىنجاڭدا پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئاددىي باش پېرسوناژ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى مەزگىلدىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، بېيىپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، كەڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنى پەن - تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دۆلەت ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىدا قىممىتىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى پۈتۈشى كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى