تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، ليۇ جيايى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاڭ يۈنمېي، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيايى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە بىڭتۇەن 12 - شىسىنىڭ 104 - تۇەنى، تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، مەھەللە، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، نامرات ئاممىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شەندۇڭ - قەشقەر داڭلىق، ئەلا، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شەندۇڭ ئۆلكىسى · شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن مەدەت ۋە شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شەندۇڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش، سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلىش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى، پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن جەريانلىق» ياردەم بېرىش - يۆلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 12 - شىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە زورايتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى. شىنجاڭ «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەندۇڭنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، شەندۇڭ خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ.

ليۇ جيايى سۆزىدە مۇنۇلارنى دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشتە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلەپلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنى، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، بۇ بىزنى چوڭقۇر قايىل قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تەڭداشسىز دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەندىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەقلىي جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، بىراق ھېلىھەم ياخشىلاشقا، ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جاي بار. بىز چوقۇم نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۆز دائىرىمىزدىكى ئىش، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ياردەم بېرىشنى تۇتۇپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ تەرەققىياتقا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك كۈچ قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەسىپ ھەمكارلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قوشماقلىشىپ زىيارەت قىلىش، ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تاۋلاپ يىلتىز تارتقۇزىمىز. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بۇ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ۋە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىلنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا نامايان قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نامايان قىلىپ، شەندۇڭ، شىنجاڭ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ شۇجيەن شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ كې، ليۇ چياڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن لى يىفېي، جاۋ چىڭ، ياۋ شىنمىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.