تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھىنى كەسىپتە ئەمەلىي قوللىنىشنى پائال ئورۇنلاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ ئىككى كۈندە، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى گۈلئاۋات كەنتىدە، ئونسۇ ناھىيەسى شېڭفېڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىك خادىمى زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن پايدىلىنىپ، كېۋەزلىككە دېھقانچىلىق دورىسى چاچتى. ئىلگىرى 300 مو كېۋەزگە بىر قېتىم دورا چېچىش ئۈچۈن ئالتە ئادەم ئىككى كۈن ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى، ھازىر زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن يېرىم كۈندىلا چېچىپ بولغىلى بولىدۇ. زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تېخىمۇ تەكشى چاچقىلى، كەچتىمۇ مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ.

مەشغۇلات ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى تەمىنلىگەن ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىدىن بولغان. تېخنىك خادىم ليۇ ۋېنمىڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، گۈلئاۋات يېزىسى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئاساسىدىكى ئۇرۇق سېلىش، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش، پاختىنى ماشىنىدا يىغىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىنى ئالغا سىلجىتىشقا باشلىدى، كېۋەز تېرىش، يىغىۋېلىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ يىغىۋېلىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، ساياھەت، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قاچىلانغان تىراكتور، زىرائەت پەرۋىش قىلىش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ماشىنىلاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىدە بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش مۇلازىمىتى ئىشلىتىلدى.

يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا، نۆۋەتتە، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورت، سۇ رايىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش - مەلۇم قىلىش، ئېلېكتىر كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلدى. 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بېيدوۋ يەر ئۇلى كۈچەيتىش ئاساسىي پونكىتى ئۈرۈمچىدىكى 110 كىلوۋولتلۇق خېنەن شەرقىي يولى تىرانسفورموتور ئىستانسىسىدا قۇرۇلدى. بۇ تۈردىكى ئاساسىي پونكىتلار بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى يادرو قىلغان بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئورۇن بەلگىلەش ۋە ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى ھەمدە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى پەن - تېخنىكا ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار قوللىنىشچان سۇپىلارنى پائال ئېچىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2017 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ تيەنيۈ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىققىتىنى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئاساسىدىكى تېرمىنال مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاراتقان. شىركەت تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئاقىل ساياھەت ئورۇن بەلگىلەش تېرمىنالى بايىنبۇلاق، جامبۇلاق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇلدى، قوللىنىلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى شېن جې مۇنداق دېدى: ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە، بېيدوۋ ئورۇن مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك تېخنىكا سۇپىسىنى ھەرقايسى كەسىپلەردىكى سۇپىلارغا سىڭدۈرۈشتە ئەڭ چوڭ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىش مەركىزى پەن تەتقىقات باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى گو فېيفېي مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشچان سۇپا قۇرۇپ، بېيدوۋنى قوللىنىش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قوللىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش كەسپى بىلەن ياسىمىچىلىق، يۇمشاق دېتال كەسپى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىشنى كەسىپلەشتۈرۈش كۆلىمىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى