تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ۋاكالىتەن باشقۇرۇش شەكلىدىكى ياردەم بېرىش «ئېغىر كېسەللەرنىڭ ناھىيەدىن چىقماي شىپا تېپىش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە بارغان مۇتەخەسسىس ۋاڭ لۇ (ئوڭدا) ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق تۇرنىسا مامۇت (ئوتتۇرىدا) بىلەن خوشلاشماقتا ھەمدە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلىماقتا (6-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش» ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خۇ يەنمېڭ (سولدا) ئاغرىق بىلەن پاراڭلاشماقتا (6-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ يىراقتىن دىياگنوز قويۇپ داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئاغرىقلار ئۆز جايىدا تۇرۇپلا داڭلىق دوختۇرلارغا كۆرۈنەلەيدىغان بولدى (6-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى1-دوختۇرخانىنىڭ كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى زۇڭ لياڭ (ئوڭدا) يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا (6-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سەييارە داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گۈلنۇر مەمەت گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرىدا ئاغرىقنىڭ كۆزىنى تەكشۈرمەكتە (6-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بوۋاقلار بۆلۈمى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى قۇرۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى (6-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بۆرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ دوختۇرى مېھراي ئەزىمەت (سولدا) يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا كېسەلخانا ئارىلاپ ئاغرىقلارنى تەكشۈرگەندە ئاغرىققا دىياگنوز قويماقتا (6-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش خادىمى ئاغرىقنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ سەيلە قىلغۇزماقتا (6-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەن لياڭ، چاۋ جىن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، گۇما ناھىيەسىدە يانپاش بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرغان مەمەت ئابلىز مۇنداق دېدى: «ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا ئۈرۈمچىلىك چوڭ مۇتەخەسسىس بار، كېسەل كۆرسەتسەم مۇشۇ يەرنى تاللايمەن.»

  مۇشۇ كۈنلەردە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تۇرۇشقا ئەۋەتكەن دوختۇرخانا باشلىقى ما شۆشيەن بۇ ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىنى «3-دەرىجىلىك دوختۇرخانا» قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «داۋالاش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاخىرقى مەقسەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارنى كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، كېسەلنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىمىز.»

  نامرات رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسىلىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ناھىيە داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، چوقۇم ئىلغار ئاساسىي قاتلام داۋالاش قوشۇنى بولۇشى كېرەك.

  ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە 3-دەرىجىلىك 25 دوختۇرخانا 37 ياردەم بېرىش قوشۇنى ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 32 نامرات ناھىيە، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە بەش جۇڭيىچە داۋالاش تۈرىدىكى دوختۇرخانىلارغا قارىتا «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش» بويىچە ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلار ئۈچۈن ئەڭ زور كۈچ بىلەن ئىلغار داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، «ئېغىر كېسەللەرنىڭ ناھىيەدىن چىقماي شىپا تېپىشى»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش»ى ئاستىدا، گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى قايتا تەرتىپكە سېلىنىپ، ئېغىر كېسەللەر «ئالتۇن قۇتقۇزۇش ۋاقتى» دا خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇلدى؛ لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئەندىزىسى ئارقىلىق يېزا-بازارلىق شىپاخانا، كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ئىختىساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە ھازىرقى ئىختىساسلىقلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق ئۈنۈم تەقسىماتى ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى...

  بۆلۈملەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئىقتىدارى ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، مۇھىت ناچارلىقتىن ئەلالىشىپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش سەرخىللىشىشقا يۈزلىنىپ، «قان ئىشلەش»كە كۈچ قوشۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ھەر قايسى 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش»ى ئاستىدا، داۋالاش تېخنىكىسى ئاجىز بولغان ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئۆزگىرىش بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى