تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لى يىڭچاۋ: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان قەھرىمان ئەسكەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (ليۇ شىن، ۋاڭ گويىن) تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ماشىنىلاشقان 7 - تارماق ئەترىتى مەلۇم ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ گازارمىسى ئالدىغا «يىڭ چاۋلىن» دەپ ئاتىلىدىغان يۇلغۇنلۇق تىكىلگەن، بۇنى ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاراۋۇللۇق ئورنىدا قۇربان بولغان سەپدىشى لى يىڭچاۋنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەخسۇس تىككەن...

لى يىڭچاۋ، خۇنەن يۇڭجوۋدىن، 1992 - يىلى تۇغۇلغان، 2012 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، خېبېي باۋدىڭ قوراللىق ساقچى مەلۇم قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ تۇرۇشلۇق قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن شىزاڭغا بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. ئىككىنچى يىلى قىسىم شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېرىگە بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلماقچى بولغان، لى يىڭچاۋ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

2013 - يىلى 8 - ئايدا، ئوتتۇرا ئەترەت يۇقىرى تەشكىللىگەن تاغلىق ئورۇندا ھۇجۇمغا ئۆتۈش جەڭ قىلىش دەرسلىكى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. تاغ تىك، ھەممىلا يەر تىكەن بولۇپ، ئۈچ پەي ئوخشاش بولمىغان يان تەرەپتىن نۆۋەتلىشىپ مۇھاپىزەت قىلىپ، ئايلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن. لى يىڭچاۋ دىققەتسىزلىكتىن پېلەككە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكەن، ئۆتكۈر تاش ئۇنىڭ پۇتىنى تىلىۋېتىپ چوڭ يارا ئېغىزى ئېچىپ قويغان، ئۇ قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، جەڭدىن يانماي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا چىڭ تۇرغان.

2014 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سەھەردە، بىر چوڭ ئاپتوبۇس تەكشۈرۈش پونكىتىغا كىرىپ دائىملىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان. لى يىڭچاۋ بىر ئەرنىڭ تىمىسقىلاپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ، باشقا سەپداشلىرىغا تۇيدۇرماي مۇھاسىرىگە ئېلىشقا مەخپىي ئىشارەت بەرگەن. تۇيۇقسىز لى يىڭچاۋ ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئالدىغا بېرىپ، ساقچى كالتىكى بىلەن قارشى تەرەپنى يىقىتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئادەمنىڭ توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇن ئىكەنلىكى، كەينىگە بىر قىڭراقنى يوشۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلانغان. ئەگەر لى يىڭچاۋ ۋاقتىدا بايقىمىغان بولسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، لى يىڭچاۋ خەلق ساقچىلىرىغا ياردەملىشىپ 26 قېتىم قوراللىق ئۇرۇشۇشنى توسۇپ، ئون جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، كۆپ قېتىم «ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان.

2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمى» ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. لى يىڭچاۋ باشقا تۆت نەپەر يېڭى ئەسكەر بىلەن كوچىدا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز يىراقتىن پارتلىغان ئاۋاز ئاڭلانغان. ئۇ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ تېز سۈرئەتتە قويۇق ئىس - تۈتەك كۆتۈرۈلگەن جايغا يېتىپ بارغان، ئەسلىدە بىر قەھۋەخانىنىڭ كۆمۈر گازى تۇرۇبىسى پارتلاپ كەتكەن ئىكەن. لى يىڭچاۋ سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئاممىنى تارقاقلاشتۇرسا، بىر تەرەپتىن يارىدارلارنى يۆتكىگەن.

2014 - يىلى 9 - ئايدا، لى يىڭچاۋ تۇرۇشلۇق قىسىم ۋاقىتلىق ۋەزىپە تەڭشەش سەۋەبىدىن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسى كۆپەيگەن. لى يىڭچاۋ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان، كۈندىلىك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋاقتى 12 سائەتكە يەتتى. 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭچيۇ بايرىمى كېچىسى، لى يىڭچاۋ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يۈرەك مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، بەختكە قارشى قاراۋۇللۇق ئورنىدا قۇربان بولغان، شۇ يىلى 22 ياشتا ئىدى.

«يىڭچاۋ بىزدىن ئايرىلدى، ئەمما ئۇ مەڭگۈ بىز بىلەن بىللە جەڭ قىلىدۇ». لى يىڭچاۋ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۇرۇشلۇق قىسىم تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قەھرىماننىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەھرىماننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى