تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

زوۋ بىخۇا: ۋىجدانلىق سوتچى بولۇش

زوۋ بىخۇانىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى شاڭخەي تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر خۇاڭ ئەنچى) «قانۇن ئادىل، ھەققانىي، قانۇننىڭ روھى بويىچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.» زوۋ بىخۇا ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ئەينى يىلى ئۆزۈمنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىمنى بىلگەندە، ھاياجاندىن ئاپامغا تېلېفون قىلىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنىدىم. ئاپام ماڭا «چوقۇم ۋىجدانلىق سوتچى بولغىن» دەپ جېكىلىگەنىدى، بۇ سۆز زوۋ بىخۇانىڭ ھاياتىدىكى ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ قالغان.

زوۋ بىخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1967 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، 1999 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولغان. 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى يولداش زوۋ بىخۇا خىزمەت جەريانىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 47 ياشتا ئىدى.

زوۋ بىخۇا شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە تۆت يىل مەھكىمە باشلىقى بولغان. بۇ جەرياندا، ئۇ بىر قاتار ئەمەلىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم قىيىن مۇھىم دېلولارنى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلغان.

2009 - يىلى 5 - ئايدا، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بالىنى ئاتا - ئانىسى تاشلىۋەتكەن. بالا بوۋا - مومىسىنىڭ باشلاپ بېرىشى بىلەن، شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش زالىغا كېلىپ، ئۆز ئاتا - ئانىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، بېقىش ھەققى تەلەپ قىلماقچى بولغان، ئەمما چاڭنىڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە ئەينى چاغدا قوللانما قىلىشقا بولىدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش دېلو يوق ئىدى. زوۋ بىخۇا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: بۇ دېلودا چوقۇم دېلو تۇرغۇزۇش كېرەك. ئاخىر، بالىنىڭ دادىسى ئۆز نامىدىكى ئۆي - مۈلۈكنى بالىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى قىلىشىغا ئايرىپ بەرگەن، بالا قەيسەرلىك بىلەن ھايات قالغان.

ئەرزىيەت دېلولىرىنىڭ سانى ئىزچىل كۆپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، زوۋ بىخۇا خىزمەت رىتىمىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئەرزىيەت، ئەرز قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنى قەغەزلەشتۈرۈشتىن تورلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتكەن، ئۇچۇرنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇش ئىلگىرىكى ئەرزىيەت دېلولىرى ئىز - دېرەكسىز قىلىش ئەھۋالىغا خاتىمە بەرگەن.

تېخىمۇ ياخشى بىر سوتچى بولۇش ئۈچۈن، زوۋ بىخۇا قانۇن كەسپىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئۆگەنگەن، ئىزدەنگەن. نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 20دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغاندىن باشقا، ئۇ يەنە «شىركەت قانۇنىدىكى چىگىش مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش» «جۇڭگو سوتچى ياردەمچىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەتقىقاتى» «سوت ئۈستىدىكى پىسخولوگىيە» قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئەسەرنى تۈزگەن ياكى يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە «مۇھىم دېلولارنى سوت قىلىشتىكى توققۇز قەدەملىك ئۇسۇل» قانۇن ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلىپ، ئۇدا ئىككى يىل قانۇن نەشرىياتىنىڭ بازارلىق كىتابىغا ئايلانغان. بىرىنچى سەپتىكى نۇرغۇن سوتچى بۇ كىتابقا «لوگىكىسى ئېنىق، تەپەككۇرى پۇختا، سوت قىلغاندا يىپ ئۇچى بويىچە ئىش كۆرۈپ، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى» دەپ باھا بەرگەن. يەنە بەزىلەر قىزىقچىلىق قىلىپ، مۇھىم دېلولارنى سوت قىلىشتىكى توققۇز قەدەملىك ئۇسۇلنى «سوت ئۈستىدىكى تەنھا توققۇز شەمشەر» دېگەن.

2014 - يىلى 7 - ئايدا، شاڭخەي ئالدى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان زوۋ بىخۇا شاڭخەي سوت مەھكىمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. زوۋ بىخۇا تۇنجى بولۇپ دېلو ۋەزىن كوئېففىتسېنتى نەزەرىيەسىنى ئىجاد قىلىپ، ئىلمىي باھالاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرغان.

زوۋ بىخۇا «ياشلار ۋە سەمىمىي ئادەملەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان. «ئىشتات تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، <ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش>تىن ساقلىنىش كېرەك، ئىشنى ئازايتىش، قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ياش سوتچىلارنى بوزەك قىلىپ، ياردەمچى سوتچىنى <ئۆز جايىدا تۇرغۇزۇپ>لا سوتچى ياردەمچىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك، چوقۇم بىر ئىلمىي باھالاش ئۆلچىمى بولۇش، سوت خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ھەقىقىي چىقالايدىغان مۇنەۋۋەر سوتچىلارنى ئىشتاتقا كىرگۈزۈش كېرەك» دېگەن زوۋ بىخۇا.

ئۇدا چارچاپ خىزمەت قىلغانلىقتىن، زوۋ بىخۇا ئاغرىقچان بولۇپ قالغان.

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى زوۋ بىخۇانىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، ھاياتى 47 يېشىدا توختاپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى