تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋاڭ ۋېنچېڭ: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ زىيۈن، ياڭ دىڭمياۋ) «تېز بېرىپ سوراپ بېقىڭلار، سوقۇلۇپ كەتكەن كىشى قانداقراق تۇرۇپتۇ؟» 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كېچىدە، كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان ۋاڭ ۋېنچېڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزىنى قالدۇردى. بۇ، ئۇنىڭ قىسقىغىنا كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايەندىسى − قەلبىگە مەڭگۈ باشقىلارنى پۈكۈش ئىدى.

ۋاڭ ۋېنچېڭ، 1973 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا ئەنخۇي ئۆلكىسى شيۇجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 1 - چوڭ ئەترىتى 2 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان.

2014 - يىلىدىكى ئاشۇ كېچىدە، ۋاڭ ۋېنچېڭ بىر پىكاپنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقان بىر يولۇچىنى سوقۇۋەتكەنلىكى، سوقۇلغۇچىنىڭ ئۆلۈك - تىرىكلىكىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان.

«ئادەمنى بىر مىنۇت بالدۇر تاپساق، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۈمىدى بىر مىنۇت كۆپ بولىدۇ». نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋاڭ ۋېنچېڭ تېزدىن نەق مەيداندا ئىزدەشكە قوماندانلىق قىلغان. بىر قانچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىر يولنىڭ غەرب تەرىپىدىكى نەچچە ئون مېتىر يىراق جايدىن سوقۇلغۇچىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىنى بايقىغان.

ۋاڭ ۋېنچېڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ تېزلىكتە يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن يېتىپ كەلگەن. ئويلىمىغان يەردىن، يامغۇر يېغىپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ۋاڭ ۋېنچېڭ بىخەتەرلىك رېشاتكىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقاندا، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆۋرۈك ئۈستى يوچۇقىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ، سۇنغان قوۋۇرغىسى ئۆپكىسىنى تېشىۋەتكەن، ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر يارىلىنىپ ئېغىر قانسىراپ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان.

«ئەينى چاغدا ۋاڭ ئەترەت باشلىقى نەچچە ئون مېتىر يولنى كۆپرەك مېڭىپ ئايلىنىپ كەلسە بولاتتى، بۇ پۈتۈنلەي ئادەمنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغانلىقتىن بولدى» دېدى بىرلىكتە چارلاشقا چىققان نيۇ جىنگاڭ.

ۋاڭ ۋېنچېڭنىڭ دەپنە مۇراسىمى كۈنى، 1000دىن ئارتۇق ئامما ئۆزلۈكىدىن كېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى، يول بويى گۈل چەمبىرەكلەرگە تولدى، كىشىلەر كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان بۇ قەھرىماننى ئۇزىتىپ قويدى.

1992 - يىلى 4 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ۋاڭ ۋېنچېڭ ئىزچىل قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت يولدا ۋەزىپە ئۆتەشتە چىڭ تۇرغان. ھەر قېتىم يامغۇرلۇق، قارلىق، تۇمانلىق ھاۋا رايىدا ۋە قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، ئۇ ھەمىشە ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، يول راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ خەتەردىن قۇتقۇزغان. خىزمەتداشلىرى ۋاڭ ۋېنچېڭنىڭ قانچە قېتىملاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا چىققان ئاپتوموبىللاردىكى ئاغرىقلار ياكى ھامىلىدارلارنى جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپارغانلىقى ياكى ئاپتوموبىللار پارتلاۋاتقان خەۋپ - خەتەرگە قارىماي، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان يارىدارلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكىگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.

ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كېچىسىنى ۋاڭ ۋېنچېڭ ھەمىشە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىش ئورنىدا ئۆتكۈزەتتى. ياشىنىپ قالغان ئانىسىنىڭ يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ دائىم تۇغقانلىرىنى جەم قىلىشنىڭ غېمىنى قىلاتتى، پەقەت ئۆزىلا كەم ئىدى. «چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى شوپۇرلارنىڭ ھەممىسى ئالدىراپ ئۆيىگە قايتىدۇ، قار - مۇزلۇق يولدا ئاسانلا ھادىسە كۆرۈلىدۇ، مەن ئۆيدە تۇرسام قانداقمۇ خاتىرجەم بولالايمەن؟» ۋاڭ ۋېنچېڭ دائىم خوتۇنىغا شۇنداق دەپ تەسەللى بېرەتتى.

2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ۋاڭ ۋېنچېڭغا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن؛ 2015 - يىلى 6 - ئايدا ئىنقىلابىي قۇربان دەپ باھالاپ بېكىتىلگەن.

«مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ھەل قىلىپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك»، ئائىلىسىدىكىلەر ۋاڭ ۋېنچېڭنىڭ ئەستىلىكلىرىنى رەتلىگەندە، ئۇنىڭ «قالتىس پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ 13 ئادىتى» دېگەن كىتابتىكى بۇ بىر جۈملە سۆزنى چەمبىرەك ئىچىگە ئېلىپ قويغانلىقىنى ھەم بىر بەش يۇلتۇزنى ئالايىتەن سىزىپ قويغانلىقىنى بايقىدى. بۇ، ئۇ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز، شۇنداقلا ئۇ ئەمەل قىلىپ كەلگەن مىزان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى