تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

شۆ يۇڭچىڭ: قەھرىمان ئىسسىق قېنى بىلەن تىنچ - ئامانلىق بەرپا قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ياڭ فەن) ئىش ئۈستىلىدىكى ئۆرۈلمىگەن كالېندار، يەپ بولالمىغان پېچىنە، ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىگە ئارتىلغان چاپان... بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما خېبېي ئۆلكىسى سۇنىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى نۇرغۇن خىزمەتدىشىنىڭ كۆز ئالدىدا، ئەينى چاغدىكى جېڭۋېي شۆ يۇڭچىڭنىڭ ھەممە ئىشى ھازىرقىدەكلا نامايان بولۇپ تۇراتتى.

2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يېرىم كېچىدە، سۇنىڭ ناھىيەسىنىڭ شىشىباۋ كەنتىدە، جىنايەت گۇماندارى ليۇ شۇاڭرۇي قولىغا قوشئاتار ئوۋ مىلتىقى ئېلىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شۇ كەنتتىكى ئىككى ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇرغان. 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سەھەر سائەت 1دىن ئاشقاندا، شۆ يۇڭچىڭ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئەترەتنى باشلاپ يېتىپ كەلگەن.

ئۇ بىر تەرەپتىن ساقچى كۈچى ۋە قورال - جابدۇقلارنى يۆتكىگەن، يەنە بىر تەرەپتىن نەق مەيداندىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرىغىنى يېقىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قاراڭغۇ جايغا مۆكۈۋالغان جىنايەت گۇماندارىغا ھەيۋە شەكىللەندۈرگەن، ئاختۇرۇپ تۇتۇش خىزمىتى دەرھال قانات يايدۇرۇلغان.

سەھەر سائەت 3 لەردە، كەنتنىڭ شەرقىدە تۇيۇقسىز ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان، شۆ يۇڭچىڭ ئەترەتنى باشلاپ قورشاپ تۇتۇشقا ئاتلانغان. ئاپشاركا كۆندۈرگۈچى يۈەن شۇەي ئاپشاركىنى يېتىلەپ نەق مەيدانغا ئېتىلىپ كىرگەندە، قاراڭغۇ جايغا يوشۇرۇنۇۋالغان جىنايەت گۇماندارى ئوق ئېتىپ ئۇنىڭغا تەگكۈزگەن. شۆ يۇڭچىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى يۈەن شۇەينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشقا جىددىي چاقىرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالدىغا ئېتىلىپ چىقىپ كۆپچىلىكنى بەدىنى بىلەن توسۇۋالغان.

تۇتۇش نۇقتىسى ئەڭ ئاخىرىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا مەركەزلەشكەن. تاڭ ئاستا - ئاستا يورۇغان، كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن سىرتقا چىقىشقا باشلىغان، ئەگەر ئەتراپقا ئولىشىۋالسا، تېخىمۇ زور يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلاتتى ھەم جىنايەت گۇماندارىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەتتى. شۆ يۇڭچىڭ تېز جەڭ قىلىپ تېز غەلىبە قىلىشنى قارار قىلىپ، ئەتراپتىكى كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى جاڭ جىخۇڭ ۋە تۆت نەپەر ساقچىنى باشلاپ كىرىپ ئاختۇرغان.

ھويلا، ئۆي ئىچىدە ئادەم يوق ئىدى، شۆ يۇڭچىڭ ئىشىك يېنىغا بىر شوتا قويۇلغانلىقىغا دىققەت قىلغان، ئۇ ئۆگزىنى جىنايەت گۇماندارى يوشۇرۇنۇۋېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ جاي دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئەينى چاغدا لەمپە ئاستىدا جاڭ جىخۇڭ بىلەن شۆ يۇڭچىڭ ئىككىسى قالغانىدى، شۆ يۇڭچىڭ تەبىئىيلا جاڭ جىخۇڭنى كەينىگە ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزى بىر قولىغا قورال ئېلىپ، يەنە بىر قولىدا شوتىنى تۇتۇپ، ئاستا - ئاستا يۇقىرىغا ياماشقان.

«بىر پېشقەدەم ساقچى تەجرىبىسى ۋە ئەقەللىي بىلىمىگە ئاساسەن، خەتەرنىڭ دەرىجىسىنى جەزمەن بىلىدۇ، ئەگەر جىنايەت گۇماندارى ئۆگزىدە بولۇپ، قولىدا ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇش كۈچى ناھايىتى زور بولغان قوشئاتار ئوۋ مىلتىقى بولسا، ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى» دېدى جاڭ جىخۇڭ ئەسلەپ.

ئۇ ئويلىنىپ بولغۇچە، ئۆگزىدە قۇلاقنى يارغۇدەك مىلتىق ئاۋازى ئاڭلانغان. ئۆگزىنى كۆزىتىش ئۈچۈن چىققان شۆ يۇڭچىڭ يەرگە قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان جىنايەت گۇماندارى ئاخىر تېگىشلىك جازاغا تارتىلغان.

1989 - يىلى ساقچى بولغاندىن كېيىن، شۆ يۇڭچىڭ باشتىن - ئاخىر ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان، ھەر قېتىم تاسادىپىي ۋەقە يۈزبەرگەندە، ھەمىشە ئۆزىنى ئەڭ خەتەرلىك گۇرۇپپىغا تەقسىملىگەن. ئۇ ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىسادىي رازۋېدكا سىستېمىسىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ سايلانغان، «پۈتۈن ئۆلكە بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى» «پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئىقتىسادىي رازۋېدكا مۇتەخەسسىسى» «خېبېي ئۆلكىسىدىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر زەربىدارى» بولۇپ باھالانغان.

2015 - يىلى 6 - ئايدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى شۆ يۇڭچىڭغا «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ شەرەپ نامى بەرگەن، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شۆ يۇڭچىڭغا «خەلق قوغدىغۇچىسى» دەپ نام بەرگەن، خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شۆ يۇڭچىڭنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى