تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يەتتە مو كۆكتاتلىق ئاكا - ئۇكا مېھرىگە گۇۋاھ بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شەھىدە

«ئۆي ئىچى ياخشىمۇ، ياردەملىشىدىغان ئىش بولسا ھايت دەڭ.» 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى توغىسىنبۇخ شەرقىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلەت خۇدەيدەيمۇ كۆكتاتلىققا كېلىپ، ياخشى ئۇكىسى ۋاڭ فۇشېڭ بىلەن پاراڭلاشتى.

«بولىدۇ، بولىدۇ، بولىدۇ، قىيىنچىلىق بولسا سىزنى ئىزدەيمەن» ۋاڭ فۇشېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.

كۆكتاتلىق يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، يېشىل، تولغان دوۋجاۋلار پېلەك تارتىپ تۇراتتى، لازىلىقتىكى قېلىن ئەتلىك يېشىل لازىلار قۇياش نۇرىدا تېخىمۇ ياپيېشىل كۆرۈنەتتى...

«بۇ كۆكتاتلار پىشقاندا، قانداق كۆكتات يېگۈڭىز بولسا ھەر ۋاقىت كېلىپ ئۈزۈۋالسىڭىز بولىدۇ، ھەرگىز خىجىل بولماڭ» دېدى ۋاڭ فۇشېڭ ئابلەتكە. بۇ چاغدا، ئابلەت ئېڭىشكىنىچە يەردىكى ئوت - چۆپلەرنى ئوتاشقا باشلىغانىدى. بۇ كۆكتاتلىققا ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەننىڭ تەرى سىڭدى، شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولدى.

ھېكايىنى 1993 - يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 24 ياشلىق ۋاڭ فۇشېڭ خېنەندىن شىنجاڭغا ئاچىسىنى پاناھ تارتىپ كەلگەن، كېيىن بورتالا شەھىرىگە كېلىپ، پارچە - پۇرات ئىش قىلىش، مېۋە - چېۋە سېتىشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرگەن، كۈنلىرى ناھايىتى جاپالىق ئۆتكەن.

«ۋاڭ فۇشېڭنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم 1997 - يىلى ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇ دائىم بازاردا ئالما ساتاتتى، ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئالما سېتىۋالسام، ئۇ ماڭا بىرنەچچىنى ئارتۇق بېرىپ، ئۆيدىكى بالىڭىزغا بېرىڭ دەيتتى، مەن بۇ ئۇكامنى سەمىمىي ئادەم ئىكەن، دەپ ھېس قىلغانىدىم.» ئابلەت مۇنداق دېدى: «كېيىن ئۇ يەر ھۆددىگە ئېلىپ كېۋەز، كۆكتات تېرىدى، ئۆيۈمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى بولغاچقا، دائىم ئۇنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ ئىشلەيتتىم. ئۇ چاغلاردا ئائىلىمىزدە بەش تۇياق كالا باققانىدۇق، مەن دائىم ۋاڭ فۇشېڭنىڭ كۆكتاتلىقىغا بېرىپ ئوت - چۆپ ئورۇپ كېلىپ كالىغا بېرەتتىم. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزئارا تېخىمۇ پىششىق تونۇشلاردىن بولۇپ كەتتۇق، ھېسسىياتىمىزمۇ چوڭقۇرلاشتى».

2010 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، ئابلەت ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئوت - چۆپ ئورۇغىلى بېرىپ، ۋاڭ فۇشېڭنىڭ كۆڭلىنىڭ پاراكەندە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

«مەن ھۆددىگە ئالغان بۇ 12 مو كۆكتاتلىقنىڭ مۇددىتى توشاي دەپ قالدى، كېيىن قانداق قىلسام بولار؟» دېدى ۋاڭ فۇشېڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

«ئۇكام، ئائىلىمىزنىڭ يەتتە مو يېرى بار، يىراق كۆرمىسىڭىز بېرىپ تېرىسىڭىز بولىدۇ، ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق» دېدى ئابلەت ۋاڭ فۇشېڭنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.

دەسلەپتە ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىر مو يەرنىڭ ھۆددە ھەققىنى 350 يۈەن قىلىپ بېكىتتى، ئەمما كېيىن ئابلەت ئويىنى ئۆزگەرتىپ، يەتتە مو يەرنى ۋاڭ فۇشېڭنىڭ ھەقسىز تېرىشىغا بېرىشنى قارار قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 2011 - يىلىدىن ھازىرغىچە، ۋاڭ فۇشېڭ ئابلەت ئائىلىسىنىڭ يەتتە مو يېرىنى ئىزچىل ھەقسىز ئىشلىتىپ كۆكتات تېرىدى.

«ئۇنىڭ ئۆيىدە ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسى، كىچىك بالىسى بار، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۇ يەردە تايىنىدىغان ھېچقانداق يۆلەنچۈكى يوق، قىيىنچىلىقى مېنىڭدىن كۆپرەك، ھەممىمىز ياخشى ئاكا - ئۇكىلار، ياردەم قىلغۇدەكلا بولسا ياردەم قىلىمەن» دېدى ئابلەت. شۇنداق قىلىپلا قالماي، ۋاڭ فۇشېڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق، تېرىقچىلىق مەزگىلىدە بېرىپ - كېلىشىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، ئابلەت يەنە پۇل ۋە كۈچ چىقىرىپ، ۋاڭ فۇشېڭغا ياردەم بېرىپ كۆكتاتلىقىنىڭ يېنىغا بىر ئېغىز كىچىك ئۆي سېلىپ، بىر قۇدۇق قېزىپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

«بۇ يەتتە مو يەر ئائىلىمىزنى مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلدى» دېدى ۋاڭ فۇشېڭ. ئۇ قەلبىگە مىننەتدارلىقنى پۈكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئابلەت ئائىلىسىنىڭ بىرنەچچە تۇياق كالىسىغا ياردەم قىلىپ قاراپ بەردى، ۋاقتىدا سۇ، ئوت - چۆپ بېرىشنى كۈندە ئۈزۈلدۈرمىدى.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئابلەتنىڭ ئۆيى كۆچۈرۈلۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بورتالا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن شەھەر رايونىدىن خىزمەت تاپتى. گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىگە تەسىر يەتمىدى. ئابلەت بىكار بولسىلا ۋاڭ فۇشېڭنى ئىزدەپ باراتتى، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ئېتىزدا ئوت - چۆپ ئوتاپ، كۆكتات ئۈزۈپ، ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا مۇڭدىشاتتى. ئادەتتە ئابلەتنىڭ ئۆيىدە ياخشى تاماقلار ئېتىلسە، ۋاڭ فۇشېڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى چاقىراتتى. ھېيت - بايراملاردا، ۋاڭ فۇشېڭمۇ ئابلەتنىڭ بالىلىرىغا خۇڭباۋ بېرەتتى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىپ، مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.

«بۇ يەردە ئىش بولسا ئابلەت بىرىنچى بولۇپ كېلىپ ماڭا ياردەم قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالسا ماڭا ياردەم قىلىپ رېمونت قىلىشىپ بېرىدۇ، ئازراق ۋاقتى بولسىلا كېلىپ ماڭا ياردەملىشىپ ئېتىزدا ئوت ئوتۇشۇپ بېرىدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۇ يەنە تاماقنى ئېتىز بېشىغىچە ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئۇ مېنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمغا ئوخشاش» دېدى ۋاڭ فۇشېڭ.

گەرچە ھازىر كەنتتىكى ھەر مو يەرنىڭ بىر يىللىق ھۆددە ھەققى 600 يۈەنگە ئۆسكەن بولسىمۇ، ئابلەت يەنىلا يەرنى ۋاڭ فۇشېڭنىڭ ھەقسىز تېرىشىغا بېرىشتە چىڭ تۇردى. «بىز ئىككىمىز بىر يىل، بىر ئايدا تۇغۇلغان، رىشتىمىز چىڭ باغلانغان، پەقەت ۋاڭ فۇشېڭنىڭ تېرىغۇسى كەلمەي قالمىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەرنى ئىزچىل ۋاڭ فۇشېڭنىڭ ھەقسىز تېرىشىغا بېرىمەن، قېرىنداشلىق مېھرىدىنمۇ مۇھىم نەرسە يوق» دېدى ئابلەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى