تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشياۋ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسى كۇنلۇنگۇ كەنتىدە، ياپيېشىل تاغ باغرىدىكى كىگىز ئۆيلەر بىر پارچە گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى.
2016-يىلىدىن بۇيان، قوراملىق يېزىسى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت، ساياھەت بىلەن نامراتلارنى يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى كۇنلۇنگۇ كەنتىدە چارۋىچىلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، «ساياھەت تامىقى» يەپ، «ساياھەت پۇلى» تېپىشقا تەشكىللىدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چارۋىچىلار ئارامگاھى 63كە يېتىپ، بۇنىڭدىن قىلىنغان يىللىق كىرىم 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.