تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كوناشەھەر ناھىيەسى: موكىياغلىق ئۆرۈكى گۇاڭجوۋغا «ئۇچتى»

    تىيانشان تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 1000 يەشىك ئۆرۈكنى گۇاڭجوۋغا ئەۋەتتى، ھازىرغا قەدەر، بۇ شىركەت شۈنفېڭ زاكازلىق ئايروپىلان تىرانسپورتى ئارقىلىق كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى 277 توننا سۈپەتلىك ئۆرۈكنى سېتىپ، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى 1600 ئائىلىلىك باغۋەنگە نەپ يەتكۈزدى.

    ھازىر دەل كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى موكىياغلىق ئۆرۈكىدىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل بولۇپ، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆرۈك سېتىۋېلىش تارماق ئەترىتى ھەركۈنى ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ ئۆرۈك سېتىۋېلىپ، ئايرىپ، ئوراپ قاچىلاپ، سوغۇق ساقلىغاندىن كېيىن ھاۋا تىرانسىپورتى ئارقىلىق ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرگە توشىدى، 48 سائەت ئىچىدىلا خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

    ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى موكىياغلىق ئۆرۈكىنى سېتىۋېلىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 136 مىڭ ساندۇقتىن ئارتۇق ئۆرۈك سېتىۋالغان، جەمئىي سېتىۋالغان ئۈرۈك 260 توننىدىن ئاشقان، جياڭگوگو شىركىتى شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىچكىرىدىكى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ، سۈپىتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئەلا بولغان موكىياغلىق ئۆرۈكىنى ئەڭ تېز سۈرەتتە خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

    كوناشەھەر ناھىيەسى تېرىم يېزىسى يۇقارقى تېرىم كەنتىدىكى ئايشەمگۈل سەمەت ئائىلىسىنىڭ ئىككى مو يېرىدىكى موكىياغلىق ئۆرۈكى بۇ يىل 5000 يۈەنگە سېتىلدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جياڭگوگو شىركىتى ئۇنىڭ ئۆرۈكىنى ھەر كىلوگىرامىنى 15 يۈەندىن ياخشى باھادا سېتىۋالغاندا، ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولغان.

    كوناشەھەر ناھىيەسى موكىياغلىق ئۆرۈكى چىقىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، موكىياغلىق ئۆرۈكىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىچكىرى جايلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ كەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ياخشى پايدا ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ بازارنى كېڭەيتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىدى، شۇنداقلا ئۆرۈك ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەريانىنىڭ كەسىپ ئاساسىنى سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى