يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئىككىنچى قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 17 ليەندۈي تاللاندى.
بۇ قېتىم تاللانغان ليەندۈيلەر: 1-شى 10-تۇەن 5-ليەن، 4-شى 62-تۇەن 3-ليەن ، 71-تۇەن 7-ليەن، 76-تۇەن 1-ليەن ، 5-شى 83-تۇەن 1-ليەن، 86-تۇەن 22-ليەن ، 8-شى 121-تۇەن 7-ليەن، 9-شى 161-تۇەن 6-ليەن، 165-تۇەن 4-ليەن، 10-شى 185-تۇەن 1- ليەن ۋە 2-ليەن، 188-تۇەن 4-ليەن، 12-شى شىسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى 2-ليەن، تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى 3-ليەن، 104-تۇەن چارۋىچىلىق ليەنى، 13-شىنىڭ قىزىل يۇلتۇز 1-مەيدان 3-ليەنى، قىزىل يۇلتۇز 2-مەيدان 3- ليەنى.
ئىگىلىنىشىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە نۇقتىلىق ساياھەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، نۇقتىلىق بازارلارنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، جايلارنىڭ تۈرلۈك مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشىگە ئىلھام بېرىدىكەن.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى