7-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شى 134-تۇەن نۇقتىلىق ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئورمىنى مۇھاپىزەت رايونىدا، بۇ تۇەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئورمان ئاسراش پونكىتىدىكى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ما دې سۆكسۆكنىڭ ئۆسۈش ۋە كېسەل، زىيانداش ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. 30 يىلدىن بۇيان، بۇ تۇەن قاشالاپ يېتىشتۈرۈش، چارۋا بېقىشنى چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، 250 مىڭ مو نۇقتىلىق ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئورمانلىقىدىكى چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈك، سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىقلارنى قوغدىدى. توم، ئېگىز سۆكسۆك، يۇلغۇنلار قۇملۇقتا ياپيېشىل ئېكولوگىيە توسىقى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، تۇەن-مەيداننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى، قوغدىدى.
(شۆفېڭ فوتوسى، خەۋىرى)
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى