تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆكتىن سايرام كۆلىگە نەزەر

  تىيانشان تورى خەۋىرى: غەربىي تىيانشانغا جايلاشقان سايرام كۆلى شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن كۆل تېگىنى كۆرگىلى بولىدۇ، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 12 مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگودىكى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۆكتىكى گۈزەل كۆل، دېگەن نامى بار.

  سايرام كۆلىدە بىر خىل سېھرىي كۈچ بار، ھاۋارايى مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنىدۇ.

  تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تىيانشان تېغىنىڭ قار سۈيىدە سۇغۇرۇلغان سايرام كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى گۈل-گىياھلار بىخ سۈرۈشكە باشلايدۇ. كۈركۈم گۈلى، جىنليەنخۇا، چوڭ جىنليەنخۇا، ۋۇۋاڭۋو، چىغىرتماقگۈل قاتارلىقلار سايرام كۆلىنى چۆرىدەپ ئېچىلىدۇ، بۇ گۈللەرنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن، تۈرى كۆپ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ دائىملاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. يەلكەنلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ سەيلە قىلغىنىڭىزدا، كۆل سۈيى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشالايسىز. رەڭدار سىيرىلما يولدا ساياھەت كىچىك پويىزىغا ئولتۇرسىڭىز، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلالايسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى