تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي يۈيۇڭ خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى قېيىر يېزىسى ئۈكەدۆۋە كەنتى بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

  7-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، تىيانشان ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنىڭ جەنۇبىي چىقىش ئېغىزى بولغان ئۈكەدۆۋە كەنتى ھەركۈنى ئىككى-ئۈچ تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. «ئىلگىرى بىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جېجياڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن، بېيجىڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىن كېلەتتى، بۇ يىل ئاساسلىقى شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 30دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق» دېدى ئۈكەدۆۋە كەنتى تيەنتاڭخۇ ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەمەت ناسىر.

  دالىدا پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى خۇاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ لىنىيەدە تەبىئىي ئورمان، تىيەنتاڭخۇ كۆلى، يايلاق، دەريا جىلغىسى، تۇرا قاتارلىق ساياھەت مەنزىرىسى ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار بار، تەبىئەت بىلەن تارىخ ھەقىقىي بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا ناھايىتى ئەرزىيدۇ».

  دالىدا پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى شۈ جىگاڭ مۇنداق دېدى: «ئۇيسۇن قەدىمىي يولى شىنجاڭدىكى داڭلىق پىيادە ساياھەت قىلىش لىنىيەسىدۇر، بۇ يەرنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق داڭلىقلىقىنى، مەنزىرىسىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، بۇ يەرنىڭ قوي گۆشىمۇ ئىنتايىن مەززىلىك ئىكەن».

  مەمەت ناسىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئۇيسۇن قەدىمىي يولىغا كېلىدىغان ساياھەتچى 6000دىن ئاشاتتى، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ساياھەتچىلەر كېچىكىپ كەلدى. ھازىر، بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلمەكچى بولغانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئارقىلىق ئالدىن زاكاز قىلىۋاتىدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 8-ئايغىچە قوبۇل قىلغان زاكاز 27گە يەتتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى