تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئىككى قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق داھىيسى خەلقنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ھال ئەھۋالىغا رىشتە باغلاشتەك خەلقچىل ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنى مۇھىم مىزان ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر، مۇقىم، ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سۇ كەلگىچە توغان تۇتۇش، ئالدىنئالا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، قىسقا ۋاقىتلىق قارا يامغۇر يېغىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاقچىلىق، قۇرغاقچىلىق - ھۆلچىلىكنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى، كەلكۈن - قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالمىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى تولۇق ياخشى ئىشلەپ، تەييارلىقنىڭ تولۇق، ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىلمىي، تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاۋا رايى، كەلكۈن ئەھۋالى، يامغۇر ئەھۋالى، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۆزىتىش - ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن مەلۇماتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق رايون ۋە ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان رايون، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان نۇقتىلارنى چارلاش - كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر كەلكۈنى، ئارىلاشما كەلكۈن، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم دەريا يولى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، كەلكۈن قاچىلاش رايونى، كەلكۈن ئاپىتى ئاسان يۈزبېرىدىغان رايون قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش، سۇ ئامبىرىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى جىددىي ياخشى ئىشلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشتىكى ئادەم مۇداپىئەسى، تېخنىكىلىق مۇداپىئە، ماددىي مۇداپىئە قاتارلىق تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غول سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلمىي تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سۇ مەنبەسىنى تەڭشەپ تەقسىملەش ۋە سۇ مىقدارىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ سۇ بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ساقلاش، سۇ باشلاش، سۇ تارتىش، سۇ تەڭشەشنى تەڭ تۇتۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرى، جابدۇقلىرى، ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىقلارنى زاپاس ساقلاشنى ياخشى ئىشلەپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي پۇختىلاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا مەمۇرىي ئاساسلىق رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابلىرىغا ئەزا ئورۇنلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك دەريا، كۆل باشلىقلىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، قوماندانلىق قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش ۋە تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جىپسىلىشىشىنىڭ راۋان بولۇشى، زىچ ماسلىشىشى، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ماددىي ئەشيالارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، مەسئۇلىيەتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.