تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

سۆيۈملۈك بىر تال قىزىلگۈل

− كېرىيە دېھقانلىرى «رومانتىك» تېرىقچىلىقتىن بايلىققا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جىڭ بو

كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسىنىڭ غادراڭ كەنتىدىكى ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خادىمى غوجابدۇللا ئوسمان قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىنى تىزماقتا (6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

« بىز تىككەن قۇملۇق قىزىلگۈلىنىڭ بۇنداق پۇلغا يارايدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېدى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇخەۋەر مەمەتتۇرسۇن 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خۇشال ھالدا.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئەزەلدىن قۇملۇق قىزىلگۈلى تىكىش تارىخى بار. مۇشۇ يىللاردا، كېرىيە ناھىيەسى قىزىلگۈل كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ، سانائەت تەرەققىيات تەپەككۇرى، سودا مەشغۇلات قىلىش ئەندىزىسى بويىچە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقتىن ئەنئەنىۋى كىچىك ھەم تارقاق بولغان قىزىلگۈل كەسپى قەدەممۇقەدەم «كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئۇسۇلى تىپىغا ئۆزگەردى.

«رومانتىك»تېرىقچىلىقتىن بايلىققا ئېرىشىش. ھازىر، پۈتۈن ناھىيە بويىچە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 46 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى 7000 توننىدىن ئېشىپ، مو بېشى كىرىمى 3500 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، قىزىلگۈل كەسپى بۇ ناھىيەدىكى 5523 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى تۈرتكە بولدى، ھوسۇلمۇ، كىرىممۇ ئاشتى

بۇ يىلقى گۈل ئېچىلىش پەسلى يېتىپ كەلدى، غادراڭ كەنتىدىكى خوجىمۇللا ئابدىلئەزىز سېۋەت - سېۋەت قىزىلگۈللەرنى سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىغا توشۇغاچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن ھەر يىلى 50 توننا ئەتراپىدا قىزىلگۈل سېتىۋېلىپ، ئاساسلىقى گۈلقەنت ياساشقا ئىشلىتىمەن».

«ھازىر بازارغا ئاپىرىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق، نۇرغۇن كىشى ئېتىزغا كېلىپ سېتىۋالىدۇ» دېدى غادراڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەتيۈسۈپ مەمەت.

مەتيۈسۈپنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، كەنتتىكىلەرنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش ئادىتى بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى گۈل بىلەن گۈلقەنت ياسايتتى، ساتالمىغان گۈللىرىنىڭ نۇرغۇنىنى كېرىيە دەرياسىغا تۆكۈۋېتەتتى.

1997 - يىلىدىن بۇيان، قىزىلگۈل ئېتىزغا تىكىلىپ، شۇ جاينىڭ خاس كەسپى سۈپىتىدە زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىندى. «ھازىر ئوخشىمايدۇ، يېڭى گۈل، قۇرۇتۇلغان گۈل غۇنچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ» دېدى مەتيۈسۈپ.

غادراڭ كەنتىدىكى ئۆزگىرىش 2017 - يىلى بەرپا قىلىنغان 25 مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق قىزىلگۈل ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىن باشلاندى.

شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى گو يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دەسلەپتە، دېھقانلارنىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر مو يەردىن قىلىنغان كىرىمنىڭ پەرقىمۇ ناھايىتى چوڭ بولدى. قىزىلگۈل خاس كەسپىنى زورايتىش ئۈچۈن، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ تېخنىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتە 25 مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلىپ، قىزىلگۈل كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. نەق مەيداندا ئوقۇتۇش ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق، كەنتكە بىر تۈركۈم قىزىلگۈل تېرىش تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

«ھازىر 25 مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ مو بېشى مەھسۇلات كىرىمى 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.» گو يۇڭ مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى ھەرقانداق كىشى بۇنى كۆرسە ھەۋەس قىلماي تۇرالامدۇ؟ ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر پۈتۈن كەنتتە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2000 موغا يەتتى، قىزىلگۈل كەنتنىڭ يېتەكچى كەسپىگە ئايلاندى».

كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇلدى  ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىندى

غادراڭ كەنتىدىكى ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرسىڭىز، قىزىلگۈلنىڭ خۇش پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان بولۇپ، كوپىراتىپ ھويلىسىغا تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ياسالغان نەچچە ئون تۇڭ گۈلقەنت قويۇلغانىدى.

«بۇ يەردە گۈلقەنت، گۈل چېيى بار، بىز <چوڭگۈل> ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردۇق، ھازىر بازىرى ناھايىتى ياخشى.» 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى غوجابدۇللا ئوسمان سۆزلىگەچ بۇ بىرنەچچە كۈندىكى زاكاز تالونلىرىنى كۆرسەتتى: بۇ ئۈرۈمچىنىڭ، چېڭدۇنىڭ، لاسانىڭ...

51 ياشلىق غوجابدۇللا غادراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا قىزىلگۈلنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ يىراقلارغا سېتىش ئۈستىدە ئويلىناتتى. شۇڭا 2015 - يىلى، ئۇ ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. «ئەينى يىلى، بىز 1000 مو يەرگە قىزىلگۈل تىكىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قىزىلگۈلنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرمەكچى بولدۇق. يەنە مەخسۇس تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىلمىي باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى ئاشۇردۇق.» غوجابدۇللا مۇنداق دېدى: تېخنىك خادىملار ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، «ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىنىڭ ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ئۆسكەندىلا، قىزىلگۈلنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ».

بۈگۈنكى كۈندە، ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قىزىلگۈل ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئايلاندى، مەھسۇلاتى ئون نەچچە خىلغا يېتىپ، شۇ جايدىكى 42 كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 22 كىشى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ مەنپەئەتلەنگەنلەر 2000 كىشىدىن ئاشتى، غادراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سىپىرەمخان مەتتوختى مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى.

«ئىلگىرى تېخنىكا بىلمەيتتىم، ھەتتا گۈل شاخلىرىنى چاتاشقىمۇ كۆزۈم قىيمايتتى» دېدى سىپىرەمخان. بۇ يىل قىزىلگۈل ئۈزۈش مەزگىلىدە، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 ئەتراپىدا ئېتىزغا كېلىپ، گۈل ئېچىلىشتىن بۇرۇن، قىزىلگۈل غۇنچىسىنى ئۈزدى. قىزىلگۈلنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تېخنىكا تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ قىزىلگۈل شېخىنى چاتاپ، كېلەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشقا تەييارلىق قىلدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولغاچقا، ئائىلىمىز ئۆستۈرگەن قىزىلگۈلنىڭ مو بېشى ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 50 كىلوگىرامغا يېقىن ئاشتى.» سىپىرەمخان يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 قىزىلگۈل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ قىزىلگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى تايانچقا ئايلانماقتا.

كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلدى  ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قىزىلگۈل ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى، غادراڭ كەنتىدىكى قىزىلگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ئېتىزلىقتا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى دەي شۆسۇڭ كارخانا مەسئۇللىرى، قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش ماھىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىللە مەخسۇس مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشقا قاتنىشىپ، جەمئىي 556 مىڭ تورداشنى توردا كۆرۈشكە جەلپ قىلىپ، ئومۇمىي قىممىتى 446 مىڭ يۈەنلىك گۈلقەنت، گۈل چېيى، گۈلقەنت نان قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى ساتتى.

قىزىلگۈلنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئالتۇن گۈل»گە ئايلاندۇرۇشتا، چوقۇم باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكلىشىگە تايىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىش كېرەك. 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئېھتىياجغا ئاساسەن بارلىققا كەلدى.

شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىغىپ ساقلاش ئامبىرىغا كىرگەندە بىر تەرەپكە يېڭى ئۈزۈلگەن قىزىلگۈللەر دۆۋىلەپ قويۇلغان، بىر تەرەپكە ئوراپ قاچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈل غۇنچىسى قويۇلغانىدى. قىزىلگۈل ساپ شەربىتى، قىزىلگۈل ساپ مېيى ئايرىش سېخىدا ئىشچىلار بارلىق زېھنى بىلەن تۈرلۈك چوڭقۇر پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.

«نۆۋەتتە، شىركەت 10 مىڭ مولۇق قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، قىزىلگۈل يۈرۈشلۈك يېمەكلىكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ» دېدى بۇ شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋ جىيۈەن.

باشلامچى كارخانىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

«كارخانىغا كىرىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، مەن بوتۇلكا يۇيۇش، قاچىلاش، ئوراش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلىدىم، ھازىر قىزىلگۈل دىستىللەش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتىمەن» دېدى بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى مەتتۇردى مەمتىمىن. ئۇنىڭغا ئوخشاش 60 نەچچە دېھقان شىركەتنىڭ تېخنىكا تايانچىسى بولۇپ يېتىلدى.

گاۋ جىيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ جايدىكى ۋە ئەتراپتىكى پەسىللىك ۋاقىتلىق ئىشچىلاردىن جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشلىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە 30 نەچچە مىليون يۈەن كىرىم يارىتىپ بەردۇق؛ بۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ قىزىلگۈل، قىزىلگۈل كۆچىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، دېھقان ئائىلىلىرىگە 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم يارىتىپ بەردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى